پىششىق گۆش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ سان گۆشى 140 گرام، سامساق بىر باش، ئەبجەش ياغ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، ياغ لازا ئازراق، ئاق شېكەر ئازراق، جاڭيۇ ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1 . گۆشنى پاكىز يۇيۇپ، قايناق سۇغا سېلىپ چالا پىشۇرۇپ، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر قىلىپ نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىنىدۇ؛ ياغلازنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇقلىتىلىدۇ؛ سۇڭپىياز ئات قۇلىقى، سامساق ئۇزۇنچاق توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، 7 دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ياغ لازا، جاڭيۇ، شېكەرنى سېلىپ قورۇپ، رەڭگىنى توق قىزارتىپ (شېكەر - رەڭ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ، سامساق، سۇڭپىيازلارنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، ئاچچىقسۇ سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.