UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىكۆمۈلەك ئاش

كۆمۈلەك ئاش

ئۇيغۇر تائاملىرى قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، پىياز بىر باش، يېشىل ماش 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر تۆت باش، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، پىننە ئازراق. ماشنى تازىلاپ 4-3 قېتىم يۇغاندىن كېيىن، ئىلمان سۇغا سېلىپ پەس ئوتتا قاينىتىمىز. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن، تۆت چاسا توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ، چامغۇر پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. 2. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، قوناق ئۇنىغا ئارىلاشتۇرۇپ، تۇز قۇيۇپ، قايناق سۇ بىلەن بوش خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئۆرۈكتەك ئۈزۈپ يۇمىلاقلاپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. خېمىر پىشقاندا پىننىنى ئۇۋاپ سېلىپ، ئاش ئىككى مىنۇتقىچە تىندۇرۇلىدۇ. ئاش ئۇسۇلغاندا، ياغ لازا بىللە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
كۆمۈلەك ئاش | UyghurWiki | UyghurWiki