UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىخام قىيما ئاش

خام قىيما ئاش

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، سېمىز گۆش 175 گرام، تۇخۇم بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پەمىدۇر ئىككى تال، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ بىر چىمدىم، پىياز بىر تال، سامساق تۆت چىش، يۇمغاقسۈت ئازراق. 1. ئۇندا ئوتتۇراھال ئاش خېمىرى يۇغۇرۇپ، قەغەزدەك نېپىز قېلىپ يېيىپ، چاچتەك ئىنچىكە كېسىلىدۇ. گۆشنى بۇغدايدەك ئۇششاق توغراپ، ئۇششاق چانالغان پىياز، تۇز، ئاق قارىمۇچ بىلەن قىيما قىلىدۇ. پەمىدۇرنى يالپاق، يۇمغاقسۈت، سامساق ئۇششاق توغرىلىدۇ. 2. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇخۇمنى چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. ئاندىن قازانغا پەمىدۇر، قىيمىلارنى سېلىپ تۇز، زەنجىۋىل سۈيى قۇيۇپ، چاچتەك كېسىلگەن ئۈگرىنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سامساق، يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشنى چۈشۈرىمىز. پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى ھەربىر قاچىغا بىردىن سېلىپ، ئۈستىگە ئاشنى ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
خام قىيما ئاش | UyghurWiki | UyghurWiki