UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىچوڭ پىلتىلىك يوتازا

چوڭ پىلتىلىك يوتازا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، شولتا ئازراق، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، سوققان كاۋاۋىچىن ئازراق، كۆيدۈرگەن قوي يېغى بىر كىلوگرام، ياش خېمىرتۇرۇچ بىر كىلوگرام، سۇ يىغى 105 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. ئىلمان سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ 40 مىنۇتتەك ۋاقىت بولدۇرۇپ (بولدۇرۇش ۋاقتى خېمىرتۇرۇچنىڭ مىقدارى، ھاۋا كىلىماتىغا باغلىق)، بارلىق خېمىرنى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ، سۇ يېغى بىلەن ياغلاپ بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 2. تىنغان خېمىردىن بىر پارچە خېمىرنى ئاشتاختىغا قويۇپ نېپىز يېيىپ، يۈزىگە بىر جىڭ ياغ، تۇز، كاۋاۋىچىن سۈرتۈپ، خېمىرنىڭ بىر چېتىدىن سوزۇپ يەنە نېپىزلىتىپ، شۇ تەرەپتىن تارتىپ ئۇزۇنچاق پىلتە ياسىلىدۇ. قالغان خېمىرمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىنىدۇ. 3. بۇ پىلتىلارنى تارتىپ ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان 35 گرام چوڭلۇقتىكى كىچىك سوقىچاق پىلتە قىلىپ ئۈزۈپ، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ 302 قېتىم ئېشىپ (تولغاپ) مۇنار شەكلىدە قىلىپ يوتازا تۈگىمىز ۋە ئۈستىدىن بوش بېسىپ قويۇلىدۇ. 4. يوتازىلار تارتىلىپ بولغاندا قاسقانغا تىزىپ، تېز ئوتتا 25 - 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى