ئەبجەش ئۇيۇتما(لەڭپۇڭ)
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئۇيۇتما 250 گرام، يۇمران تەرخەمەك بىر تال، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ 10 گرام، ياغ بەش گرام، يېڭى قىزىل لازا ئىككى تال، شېكەر بەش گرام.
1. ئۇيۇتمىغا سۇ چېچىۋەتكەندىن كېيىن كىچىك - كىچىك تۆت چاسا قىلىپ توغراپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
2. لازىنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ ئادالىغاندىن كېيىن قايناق سۇغا سېلىپ ئېلىپ ئۇششاق چاناپ ئۇيۇتمىنىڭ ئۈستىگە چېچىلىدۇ.
3. تەرخەمەكنى ئادالاپ ئۇششاق قەلەمچە قىلىپ ئۇيۇتمىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ. ئاندىن تۇز، شېكەر، ئاچچىقسۇ، چۈچۈتۈلگەن ياغ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.