دۈملىمە بېلىق
ئۇيغۇر تائاملىرى
250 گراملىق بېلىق بەش تال، پىششىق گۆش ئازراق، قوينىڭ چاۋا يېغى ئازراق، جاڭيۇ ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، شورپا بىر چۆمۈچ، سېرىق ھاراق بىر قوشۇق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زەنجىۋىل بىر تال.
1. بېلىقنى يۇقىرىقىدەك تازىلىغاندىن كېيىن دۈمبىسىگە ئاي شەكىلدە چىشلىق گۈل چىقىرىلىدۇ؛ سۇڭپىيازنى 4-5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىنچىكە توغراپ، بىر قىسمىنى
سوقىچاق بېلىق تەخسىسىگە قويۇپ، ئۈستىگە بېلىقنى تىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قالغان سۇڭپىياز، ئىنچىكە توغرالغان پىششىق گۆشنى تىزىپ سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
2. قاچىغا 35 گرام شورپا ئېلىپ، تېتىتقۇ، تۇز، سېرىق ھاراق، جاڭيۇ، ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ سېلىپ، تەخسىدىكى بېلىق بىلەن بىللە قاسقانغا قويۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىنىدۇ.
3. بېلىقنى قاسقاندىن ئېلىپ، تەخسىگە يىغىلغان سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، قاسقاندا بېلىق بىلەن بىللە دۈملىگەن شورپا بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.