UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىمەللە پېدىگەن(چەيزە)

مەللە پېدىگەن(چەيزە)

ئۇيغۇر تائاملىرى يۇمران پېدىگەن 300 گرام، يۇمغاقسۈت تۆت تال، قارىمۇچ بەش تال، سۇڭپىياز بىر تۈپ، ئاق شېكەر 10 گرام، ئاچچىقسۇ بەش گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سامساق بىر باش. 1. پېدىگەننى پاكىز ئادالاپ، بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە، ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قەلەمچە قىلىنىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، سوغۇق سۇغا چىلاپ بەش مىنۇتتىن كېيىن پېدىگەن سۈزۈۋېلىنىپ، ئوتى ئۇلۇغ ھوردا پىشۇرۇلىدۇ. 2. يۇمغاقسۈت، سۇڭپىياز، سامساق ئادالىنىپ، ئۇششاق چاناپ قويۇلىدۇ. 3. ئاچچىقسۇ، شېكەر، سوققان قارىمۇچ، يۇمغاقسۈت، سۇڭپىياز، باش پىياز چانالمىلىرى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ 4. يۇقىرىدىكى ئارىلاشما سوۋۇغان پېدىگەن ئۈستىگە تەكشى يېيىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى