UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىمېغىز پېچىنىسى

مېغىز پېچىنىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى مارگىرىن، سوقۇلغان شېكەر 150 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ئۇششاق سوقۇلغان ئۆرۈك مېغىزى 100 گرام، مۇئەتتەر ئىككى تامچە. 1. مارگىرىن، سوغۇلغان شېكەر ۋە تۇخۇم ياخشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 2. باشقا بىر داستا سوقۇلغان مېغىز بىلەن ئۇن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن مۇئەتتەر قېتىلىدۇ. بۇ ئارىلاشما مارگىرىن، شېكەر ۋە تۇخۇم ئارىلاشمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. تەييارلانغان بۇ ئارىلاشما يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ خالتىغا ياكى كىرىم سىققۇچقا تولدۇرۇلىدۇ. توخۇ كۆزى چوڭلۇقىدا تېشىۋېتىلگەن سۇلياۋ خالتا ياكى كىرىم سىققۇچنى قول بىلەن سىقىپ تۇرۇپ ياغلانغان لېسقا چېچەك شەكلى چىقىرىلىدۇ. 4. قىزىتىپ قويۇلغان 160 گرادۇسقا توغرىلانغان دوخۇپكىدا ئون مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. يۈزى پىستە مېغىز ۋە ئاق شېكەر بىلەن پەردازلىنىپ، تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى