ئالۇچا بەلىچى
ئۇيغۇر تائاملىرى
تۇخۇم بىر دانە، شېكەر 350 ~ 450 گرام، سۈت 70 گرام، سودا ئىككى بال قوشۇق، ئۇن 200 گرام، ئالۇچا ئالتە دانە.
كىرىمى ئۈچۈن: شېكەر 150 گرام، تۇخۇم سېرىقى تۆت دانە، مارگىرىن 130 گرام، كاكائو بىر ئاش قوشۇق، ئالۇچا ۋارىنىسى 200 گرام.
ئالدى بىلەن بىر دانە تۇخۇم شېكەر بىلەن كۆپتۈرۈلىدۇ، ئارقىدىن سۈت بىلەن سودا سېلىنىدۇ، ئۇن قوشۇلىدۇ. دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىرلىق بىر يۇمىلاق لېس ياغلىنىپ، يۇغۇرۇلغان خېمىر ئۇنىڭغا تۆكۈلىدۇ. ئالۇچىلار تىلىملىنىپ، خېمىرنىڭ يۈزىگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ، ئاندىن 180 گرادۇسقا توغرىلاپ قىزىتىپ قويۇلغان دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدۇ.
2. بۇ ئارىدا كىرىم تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شېكەرنىڭ ئۈستىگە بەك ئاز سۇ قۇيۇلۇپ ئوچاققا ئېسىلىدۇ، قويۇق قىيام ھالىتىگە كەلگۈچە ياغاچ قوشۇق بىلەن قوچۇپ تۈرۈلىدۇ، ئوت ئۆچۈرۈلۈپ، ئايرىم بىر قاچىدا تۇخۇم سېرىقى كۆپتۈرۈلىدۇ، ئاندىن قىيامنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ تاكى تېگى ئاپئاق ئاقارغۇچە قوچۇپ تۇرۇلىدۇ.
3. يەنە بىر تەرەپتە مارگىرىن تۇخۇم كۆپتۈرۈش ماشىنىسىدا كۆپتۈرۈلىدۇ. ئارقىدىن قىيام، تۇخۇم ئارىلاشمىسى قوشۇلىدۇ. كاكائو ۋە ۋارىنە ئارقىدىن سېلىنىدۇ، ياخشى كۆپتۈرۈلگەن بۇ كىرىم توڭلاتقۇدا قويۇپ تۇرۇلىدۇ، پىشقان بەلىچ سوۋۇغاندىن كېيىن ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ يېرىلىپ، ئوتتۇرىسىغا كىرىم سۈرۈلىدۇ. تىلىم - تىلىم قىلىپ تەخسىگە تىزىلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.