تەرخەمەك سېيى
ئۇيغۇر تائاملىرى
يۇمران تەرخەمەك 30 گرام، زەنجىۋىل بەش گرام، ئاق شېكەر 15 گرام، كەندىر يېغى بەش گرام، ئاچچىقسۇ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. ئاچچىقسۇغا شېكەر قۇيۇپ ساراڭ شىرنە تەييارلىنىدۇ.
2. تەرخەمەكنى پاكىز يۇيۇپ، ئىككى ئۇچىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ ئاقلاپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر، كەڭلىكى بەش مىللىمېتىرلىق قەلەمچە قىلىپ تەخسىگە ئېلىپ، ئاندىن زەنجىۋىل تەكشى سېپىلىدۇ.
3. ساراڭ شىرنىنى تەرخەمەك ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ.