UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبەلىش پوشكال

بەلىش پوشكال

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، سۇ يېغى 500 گرام، ئاق شېكەر بىر كىلوگرام، ئەبجەش ياغ ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى بىر كىلوگرام)، شېكەر شىرنىسى بىر يېرىم كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، شولتا مۇۋاپىق، سۇ ئىككى كىلوگرام، زەمچە ئازراق. ئىلمان سۇدا خېمىرتۇرۇچنى ئېرىتىپ، قاچىدىكى ئۇنغا سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولاي دېگەندە شولتا، شېكەر، سۇ يېغىنى قۇيۇپ خېمىرنى چەيلەپ، ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىپ بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 2. شېكەر شىرنىسىگە 105 گرام ئۇن، شولتا، سوققان زەمچە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ. 3. خېمىرنى نېپىز يېيىپ، يۈزىگە قىيمىدىن سېلىپ يېپىپ، ئېغىرلىقى 35 گرام، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق قىلىپ كېسىلىدۇ. 4. قازانغا ئەبجەش ياغنى قۇيۇپ، كېسىلگەن ئۇزۇنچاق خېمىرنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ بىرلا تولغىۋېتىپ ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭلىك قىلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى