UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئاچچىق - چۈچۈك بېلىق

ئاچچىق - چۈچۈك بېلىق

ئۇيغۇر تائاملىرى 250 گراملىق بېلىق بەش تال، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، زەنجىۋىل ئازراق، كۆك، قىزىل لازا بىر شوختىن، جاڭيۇ ئازراق، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سېرىق ھاراق ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. بېلىقنى پاكىز تازىلاپ، يۇيۇپ شامالدىتىپ، تۇز، تېتىتقۇ، سېرىق ھاراق، جاڭيۇلارغا 15-10 مىنۇت چىلاپ قويۇلىدۇ. 2. لازا، سۇڭپىيازلار يالپاق توغرىلىدۇ. 500 گرام شورپا ياكى قايناق سۇغا تۇز، جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. زەنجىۋىل ئۇششاق چانىلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، چىلاپ قويغان بېلىققا پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇم بىلەن ياسالغان شى رى يۇقتۇرۇپ ياغقا سېلىپ، سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قويۇلىدۇ. 4. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سېرىق ھاراق، كۆك، قىزىل لازىلارنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، چۈچۈمەل شورپا تەڭشەپ، تەخسىگە تىزىلغان بېلىقنىڭ ئۈستىگە قويىمىز (بېلىقنى قازانغا سېلىپ، چۈچۈمەل شورپا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئالسىمۇ بولىدۇ). بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدىغان شورپىغا 35 گرام شېكەر سېلىنىپ، ھەم ئاچچىق - چۈچۈك، ھەم تاتلىق قىلىپ تەڭشەلسە، <تاتلىق - چۈچۈك بېلىق> بولىدۇ. ئەگەر بېلىق چوڭ بولسا بىر تال ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى