UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقۇيرۇق قورۇمىسى

قۇيرۇق قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قۇيرۇق ياغ 280 گرام، كۈنجۈت ياغ 50 گرام، ئاق شېكەر 140 گرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 35 گرام)، پۇرچاق ئۇنى ئازراق. 1. قۇيرۇق ياغنى ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، قايناق سۇغا بېسىپ، ئاندىن سىقىپ خام تەمىنى چىقىرىۋېتىپ، سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. 2. تۇخۇمنى چېقىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياساپ، ئۇنىڭغا تەييارلانغان قۇيرۇق ياغنى سېلىپ چىلاپ قويۇلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ يەتتىنچى، سەككىزىنچى دەرىجىدە ئوتنى قىزىتىپ، چىلانغان قۇيرۇق ياغ سېلىنىدۇ، ياغ ئاقىرىپ لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 4. قازانغا كۈنجۈت ياغنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئاق شېكەر سېلىپ بوش ئوتتا ئېرىتىپ قىيام قىلىنىدۇ، قىيام چېچەكلەپ چىققاندا، قۇيرۇق ياغنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ. بۇ سەينى زىياپەت جوزىسىغا ئېلىپ چىققاندا، بىر قاچا سوغۇق سۇ بىلەن بىللە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ سۇ چوكىنى چىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قۇيرۇق قورۇمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki