ئومۇرتقا گۆش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆش ئومۇرتقا 280 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئىككى دانە، قارىمۇچ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ھۆل مور تۆت تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سۇڭپىياز بىر تال، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، سامساق تۆت چىش.
1 . ئومۇرتقا گۆشىنىڭ يىپچىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشنىڭ ئۈستىگە كۇنگۇر شەكلىدە قىيپاچ گۈل چىقىرىپ، ئۇزۇنلۇقى ئالتە سانتىمېتىر كېلىدىغان توم قەلەمچە توغراپ، تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە تۇز، تېتىتقۇ سېپىپ قويۇلىدۇ، سۇڭپىيازنى قەلەمچە، سامساق نېپىز، يالپاق توغرىلىنىدۇ.
2. تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرى ياسىلىدۇ.
3. شورپىغا ياكى قايناق سۇغا تۇز، تېتىتقۇ، سوققان قارىمۇچ چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەڭشەلگەن شورپا تەييار
لىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى قويۇق شىرىگە چىلاپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
5. قازانغا ئازلا ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، مورلارنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن
شورپىنى تۆكۈپ، قايناپ چىققاندا پىشۇرۇلغان گۆشنى سېلىپ، ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.