ئۇزۇنچاق قىيىقچا
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق بىر كىلوگرام، ئاق شېكەر 70 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ئەبجەش ياغ ئىككى كىلوگرام، چۈچۈتكەن سۇ يېغى 70 گرام.
1 . تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا ياغ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئۇنغا قۇيۇپ، چىڭ خېمىر يۇغۇرىمىز. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن خېمىرنى ئايلاندۇرۇپ كېسىپ، ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق، چىشلىق قېيىقچا تەييارلايمىز.
2. قازانغا ئەبجەش ياغ قۇيۇپ ئالتە دەرىجە قىزىتىپ، كېسىلگەن قىيىقچىنى بىر - بىرىدىن ئۇزۇنراق قىلىپ قولغا كالۋىلاپ يۆگەپ، ياغقا سېلىپ چۇۋۇۋەتمەستىن سارغايتىپ پىشۇرۇپ ۋازىغا تىزىپ، قىيىقچا قىزىق ۋاقتىدا ئۈستىگە ئاق شېكەر سېپىمىز.