توخۇ گۆشى شورپىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
سېمىز توخۇ بىر دانە، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل بىر پارچە، تۇز مۇۋاپىق، قەلەمپۇر ئىككى تال، قارىمۇچ مۇۋاپىق، كونا شورپا 105 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق.
1. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ تازىلاپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، سۇدا يۇيۇپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ سۇ قاينىغاندا كۆپۈكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، سوققان قارىمۇچ، زەنجىۋىل، تۇز، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇرنى سېلىپ، كونا شورپىنى قۇيۇپ بىر يېرىم سائەت سىم ـ سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. پىشقان توخۇنى سۈزۈپ ئېلىپ، بۆلەكلەر بويىچە پارچىلاپ (بويۇن، ئىككى قانات، ئىككى پۇت، ئىككى بۆلەك، قوۋۇرغا، بىر توش بويىچە پارچىلاپ)، توخۇنىڭ شەكلىگە كەلتۈرۈپ تەخسىگە تىزىلىدۇ.
3. كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، تۇزنى يۇمشاق سوقۇپ، تەخسىدىكى توخۇ گۆشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ (ئۈستىگە سەپمەي ئايرىم تەخسىدە گۆش بىلەن بىللە كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ).