ئۈگرە ئاش
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 200 گرام، ياڭيۇ ئىككى باش، لوق ياكى سۆڭەكلىك گۆش 175 گرام، قارىمۇچ ئازراق، پالەك ئىككى تۈپ، يۇمغاقسۈت ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، پىننە ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
ئاش خېمىرىنى چىڭ يۇغۇرۇپ، نوغۇچتا نېپىز يېيىپ، كەڭلىكى بىر تال سەرەڭگىچىلىك قىلىپ ئۈگرە كېسىپ، كېسىلگەن ئۈگرىگە ئۇن سېپىپ قويىمىز.
2. گۆشنى توغراپ دورا - دەرمەك، سۇڭپىياز، پەمىدۇرلار بىلەن قورۇپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز. گۆش پىشقاندا، ئۇششاقراق توغرالغان ياڭيۇنى سېلىپ، شورپىنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، يەنە 10 مىنۇتقىچە قاينىتىمىز. ئاندىن ئۈگرىنىڭ ئۇنلىرىنى قېقىۋېتىپ قازانغا سالىمىز. ئۇيغۇرلاردا <ئۈگرە ئۆرۈلسە پىشىدۇ، چۆپ چۆرگىلىسە> دېگەن تەمسىل بار. ئۈگرە
قايناپ چىققاندىن كېيىن ئۈستىگە پىننە ياكى يۇمغاقسۈتنى سېپىپ قاچىلارغا ئۇسىمىز. ئاچچىقسۇ، ياغ لازىلار ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.