UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقوش رەڭلىك گۆش تۈگمىسى

قوش رەڭلىك گۆش تۈگمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى 200 گرام، تۇز ئازراق، قارا كۈنجۈت 35 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ئاق كۈنجۈت 35 گرام، سېرىق ھاراق ئازراق، تۇخۇم ئېقى بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز سۈيى ئازراق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى ئازراق)، بامبۇك نوتىسى، پۇراقلىق موگۇ، تۇرۇپنىڭ ئىنچىكە توغرالمىسى ئازراق. 1. قوي گۆشىنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، يۇقىرىقى دورا - دەرمەكلەرگە 30 مىنۇت چىلاپ قويۇلىدۇ. 2. ئىنچىكە توغرالغان ئۈچ خىل خۇرۇچقا دورا - دەرمەكلەر بىلەن تەم كىرگۈزۈلىدۇ. 3. تۇخۇمنى چېقىپ تۇخۇم ئۇمىچى ياساپ، نېپىز توغرالغان قوي گۆشىگە ئىنچىكە توغرالغان ئۈچ خىل خۇرۇچنى ئوراپ، ئۇنى تۇخۇم ئۇمىچىغا مىلەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاق - قارا كۈنجۈت يۇقتۇرۇپ تۈرمەل ياسىلىدۇ. 4. ساپلىققا ياغ قۇيۇپ 5 دەرىجە قىزىتىپ، تەييارلانغان تۈرمەلنى سېلىپ تەكشى پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى