توخۇ دۈملىمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئىككى يېرىم كىلوگراملىق سېمىز، ياش توخۇ بىر دانە، قوۋزاقدارچىن ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، ئاق شېكەر ئازراق، پەمىدۇر مۇرابباسى مۇۋاپىق، سېرىق ھاراق ئازراق، يۇمغاقسۈت ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، زەنجىۋىل ئازراق، قارىمۇچ مۇۋاپىق، سۇڭپىياز ئىككى تال، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، تۇز مۇۋاپىق.
1 . توخۇنى بوغۇزلاپ تازىلىغاندىن كېيىن تۆش سۆڭىكىنى چېقىپ يۇمشىتىپ، ئىچى - تېشىغا كاۋاۋىچىن، تۇز، سېرىق ھاراق سۈركەپ، چوڭقۇر قاچىغا سېلىنىدۇ، ئۈستىگە سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، سېرىق ھاراق سېلىپ، قاسقانغا قويۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. سۇڭپىياز ئۇششاق چانىلىدۇ، زەنجىۋىلمۇ سو
قۇلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، دۈملەنگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى سۈركەپ، ھەرقايسى بۆلەكلىرى بويىچە پارچىلاپ، ئاندىن يەنە توخۇنىڭ پۈتۈن شەكلى بويىچە تەخسىگە تىزىلىدۇ.
3. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، پەمىدۇر مۇرابباسى، ئاق شېكەر، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيام ياساپ، ئۇنىڭغا پارقىراتما ياغ سېپىپ تەخسىگە تىزىلغان توخۇ گۆشىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.