UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتوشقان گۆشى شورپىسى

توشقان گۆشى شورپىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى سېمىز توشقان بىر دانە، قوي ياكى توخۇ گۆشى 140 گرام، ئاچچىقسۇ 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، سۇڭپىياز بىر تال. 1. توشقاننى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، ئىچ قارنىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشنى يۇيۇپ تازىلاپ، قوي ياكى توخۇ گۆشى بىلەن بىرگە قازانغا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 2. گۆش قايناپ چىققاندا كۆپۈكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۇز، زەنجىۋىل سېلىپ پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىلىدۇ. پىشقان گۆشنى سۈزۈپ ئېلىپ كىچىك - كىچىك پارچىلاپ، سۇڭپىيازنى ئىنچىكە توغراپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاچچىقسۇ سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
توشقان گۆشى شورپىسى | UyghurWiki | UyghurWiki