UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىلازا بىلەن قورۇلغان توخۇ گۆشى

لازا بىلەن قورۇلغان توخۇ گۆشى

ئۇيغۇر تائاملىرى توخۇ گۆشى 175 گرام، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق، كۆك لازا ئىككى شوخ، ئاچچىقسۇ ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 500 گرام، سامساق تۆت چىش (خورايدىغىنى 70 گرام)، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۈتۈن زەنجىۋىل ئازراق، جاڭيۇ ئازراق. 1. توخۇ گۆشىنىڭ لوق قىسمىنى ئېلىپ، ئۈستىگە قىيپاش چاقماق سىزىپ، جىگدىدەك چوڭلۇقتا توغراپ بىر قاچىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا جاڭيۇ، تۇخۇم، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. 2. سۇڭپىيازنى گۆشنىڭ چوڭلۇقىدا، زەنجىۋىل، سامساقلار يالپاق توغرىلىدۇ. كۆك لازىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە ئىچىدىكى ئاچچىق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، يېرىم سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. 3. قايناق سۇ ياكى شورپىغا تۇز، تېتىتقۇ، جاڭيۇ، سېرىق ھاراق سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 4. قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى سېلىپ سارغايتىپ، كۆك لازىنى سېلىپ قورۇپ، ئاچچىقسۇ ۋە تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، كۈنجۈت يېغىنى سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
لازا بىلەن قورۇلغان توخۇ گۆشى | UyghurWiki | UyghurWiki