UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىكۆز، قۇلاق، تىل قورۇمىسى

كۆز، قۇلاق، تىل قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ پىششىق كۆزى ئىككى دانە، كاۋاۋىچىن يېغى ئازراق، پىششىق قۇلاق ئىككى دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پىششىق تىل بىر دانە، جاڭيۇ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سۇڭپىياز 24 گرام، سامساق تۆت چىش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق. 1. قوينىڭ پىششىق كۆزىنىڭ قارىچۇقىنى ئېلىۋېتىپ، نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. تىلنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېتىپ، يالپاقلاپ توغر ىلىدۇ؛ قۇلاقنىڭ كۆمۈرچىكى تەڭگىدەك پارچىلىنىدۇ؛ سۇڭپىياز، سامساقلار يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 2. توغرالغان كۆز، قۇلاق، تىلنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا جاڭيۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. قايناق سۇ ياكى شورپىغا تۇز، جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 4. قازانغا 500 گرام ياغ قۇيۇپ، 8 دەرىجە قىزىتىپ، ئۈچ خىل ماتېرىيالنى سېلىپ قورۇپ ئېلىنىدۇ. 5. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، قورۇۋېلىنغان ئۈچ خىل ماتېرىيالنى سېلىپ، ئۈستىدىن تەڭشەلگەن سۇيۇق شورپىنى تۆكۈپ، ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ، شورپىسى پىشقاندا كاۋاۋىچىن يېغى بىلەن ئازراقلا ئاچچىقسۇ سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
كۆز، قۇلاق، تىل قورۇمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki