UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبەلىش گۆش قورۇمىسى

بەلىش گۆش قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى لوق گۆش 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، جاڭيۇ ئازراق. 1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ خېمىردەك قىلىپ يۇمشىتىپ، ئۇنىڭغا سوققان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل سۈيى، جاڭيۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ. 2. تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى تەييارلىنىدۇ. 3. قازاننى ياغلاپ قىزىتىپ، تۇخۇم شىرىسىنى تۆكۈپ تەكشى ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دانە نېپىز تۇخۇم پوشكىلى ياسىلىدۇ (قانچە نېپىز بولسا، شۇنچە ياخشى). بىر تۇخۇم پوشكىلىنىڭ يۈزىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سۇرتۇپ، ئۈستىگە تەييار قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پۇرچاق ئۇنى سۈرتۈپ، يەنە بىر پوشكالنى ئۈستىگە يېپىپ، ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئۇزۇنچاق لېنتا شەكلىدە كېسىپ تەييارلىنىدۇ. 4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5~4 دەرىجە قىزىتىپ، توغرالغان پوشكالنى سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ؛ ئىككىنچى قېتىم ياغنى 6 دەرىجە قىزىتىپ پوشكالنى يەنە بىر قېتىم تەكشى سارغايتىپ ئېلىپ، قىيپاچ كېسىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ قويۇلىدۇ. 5. قايناق سۇ ياكى شورپىغا جاڭيۇ، سوققان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل سۈيى، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 6. قازانغا تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، توغرالغان پالەكنى سېلىپ شورپا پىشىپ قويۇقلاشقاندا، تەخسىدىكى بەلىشنى گۆشنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى