دۈملىمە ميەنجىڭ
ئۇيغۇر تائاملىرى
ميەنجىڭ ئىككى يېرىم كىلوگرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، خاسىڭ يېغى بىر يېرىم كىلوگرام، شاكال بەدىيان ئازراق، جاڭيۇ 70 گرام، قوۋزاقدارچىن ئازراق، بەش خىل دورا - دەرمەك (ئۇشياڭفېن) ئازراق، سۇ مۇۋاپىق، ئاق شېكەر 35 گرام.
1. ميەنجىڭنى پارچىلاپ، قايناق سۇغا چىلاپ يۇيۇپ، كېپەك پۇرىقىنى چىقىرىۋېتىپ، شامالدىتىپ قويۇلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7~6 دەرىجە قىزىتىپ، ميەنجىڭنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، جاڭيۇ، شېكەر سېلىپ رەڭ بېرىلگەندىن كېيىن، بەش خىل دورا - دەرمەكنى سېلىپ، بىر كىلوگرام سۇ قۇيۇپ، قوۋزاقدارچىن، شاكال بەدىيانلارنى داكىغا ئوراپ قازانغا سېلىپ، تېز ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىپ، پەس ئوتقا قويۇپ دەملەپ پىشۇرۇلىدۇ.