تاۋا باچكا كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
باچكا بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، سوققان زىرە ئازراق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، لازا ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، ياغ ئازراق.
1. باچكىنى ئۆلتۈرۈپ پاكىزە يۇڭداپ، پۇت، باش ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يېرىپ، سوغۇق سۇدا پاكىز يۇيۇپ، ئۇنى پىياز سۈيى، زەنجىۋىل
سۈيى، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ياسالغان سۇيۇق شىرىگە يېرىم سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. تاۋىغا مەلۇم مىقداردا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، چىلاپ تەييارلانغان باچكىنى سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ داغلاپ، ئۇنىڭغا ئاقمۇچ، زىرە، لازا، تۇز سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ سۈيى باچكىغا سىڭگىچە پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
3. پىشقان باچكىنى لېگەنگە ئېلىپ، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلار بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.