قاقلىما بېلىق
ئۇيغۇر تائاملىرى
500 گراملىق بېلىق ئىككى دانە، سېرىق ھاراق ئازراق، سۇ مېيى 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، قورۇق ئۇن 70 گرام، ئاقمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، ئۇن لازا ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، جاڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
. بېلىقنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا پارچىلاپ، تۇز، سېرىق ھاراق، زەنجىۋىل، توغرالغان پىياز بىلەن تەملەندۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن پىياز، زەنجىۋىلنى ئېلىۋېتىپ، بېلىقنى قۇرۇق ئۇنغا مىلەپ ئارىلاشتۇرۇپ، دوخاپكىنىڭ لىسىنى مايلاپ بېلىقلارنى لىسقا تىزىپ،° 180 قىزىتىلغان دوخاپكىغا سېلىپ 8-10 مىنۇت قاقلاپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان بېلىقلارنى تەخسىگە ئېلىپ تۇز، ئاقمۇچ، ئۇن لازا سېپىپ زىياپەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.
(تۇز، ئاقمۇچ، ئۇن لازىنى باشقا كىچىك تەخسىلەردە ئايرىم كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ).