توخۇ گۆشى قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
بىر كىلوگراملىق توخۇ بىر دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ يېغى 70 گرام، قارىمۇچ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، زەنجىۋىل ئازراق، جاڭيۇ ئازراق، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ 35 گرام، زەرچىۋە ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، سېرىق ھاراق ئازراق.
1. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، تۈكلىرىنى يۇڭداپ، ئىچكى ئەزالىرىنى پاكىزە ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ، تۇز ۋە سېرىق ھاراق سۈركەپ، قازانغا سېلىپ 80 پىرسەنت پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئۈچ سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى شورپا، جاڭيۇ، زەرچىۋە، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ياسىغان شىرىگە چىلاپ قويۇلىدۇ.
سۇڭپىيازنى ئات قۇلىقى شەكىلدە، سامساق يالپاق توغرىلىدۇ، شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، چىلىغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، سۇڭپىياز، زەرچىۋە، قارىمۇچ سېلىپ ئېلىشتۇرۇپ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.