تاتلىق - چۈچۈك باش قوناقتەك بېلىق قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
تىرىك ليۇ بېلىق بىر دانە، موگۇ مۇۋاپىق، كۆك پۇرچاق مۇۋاپىق، بولكا ئۇۋىقى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، كراخمال ئازراق، پىششىق گۆش 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق، شېكەر ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق تۆت چىش.
1. ليۇ بېلىقىنى پاكىزلاپ، باش، قۇيرۇقىنى كېسىۋېتىپ، گۆشىنى شىلىۋېلىپ، گۆشنى يۈزى تەكشى ئەمبەلگە ئوڭدا قويۇپ، گۆشنىڭ ئىچى قىسمىنى تەكشىلەپ، ئۇششاق ئۇستىخانلىرىنى تېرىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
2. گۆشنىڭ تېرىسىنى كېسىۋەتمەي، كرېست بەلگىسى شەكلىدە توغراپ (كۆممىقوناق چوڭلۇقتا توغرىسا بولىدۇ)، تۇز، سېرىق ھاراق سېپىپ تەملەندۈرۈپ، نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ.
3. تۇخۇمغا بېلىق گۆشىنى مىلەپ ھەربىر پىچاق ئىزىغا بولكا ئۇۋىقىنى يېپىشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
4. ساپلىققا ماي قۇيۇپ 7 دەرىجىدە قىزىغاندا تەييارلىغان گۆشنى سېلىپ، ساپسېرىق سارغايغاندا بېلىق گۆشى بەئەينى كۆممىقوناق دانىسىدەك كۆرۈنىدۇ، ئاندىن سۈزۈۋالىنىدۇ.
5. بىر قاچا قايناق سۇغا، شېكەر، جاڭيۇ، كراخمال، تۇز سېلىپ تەڭشىۋالىدۇ.
6. ساپلىققا ئازراق ماي قۇيۇپ، يۇمشاق چانالغان سامساق، زەنجىۋىل سېلىپ داغلاپ، توغراپ تەييارلىغان پىششىق گۆشنى، موگۇ، كۆك پۇرچاقلارنى سېلىپ قاينىتىپ، تەخسىدىكى بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.