UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىسۆك ئېشى

سۆك ئېشى

ئۇيغۇر تائاملىرى سۆك 200 گرام، ياڭيۇ ياكى چامغۇر 140 گرام، گۆش 500 گرام، ياغ 70 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز ۋە دورا - دەرمەكلەر تەلەپكە لايىق ئىشلىتىلىدۇ. سۆكنى قىزىق قازانغا سېلىپ، قىزارغىچە قورۇپ ئېلىپ، سوۋۇتقاندىن كېيىن سوغۇق سۇ بىلەن 3 - 2 قېتىم يۇيۇپ تەييارلىنىدۇ. 2. گۆش، ياڭيۇ ياكى چامغۇر جىگدىدەك ئۇششاق، سۇڭپىياز يانتۇ توغرىلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن، توغرالغان گۆشنى، ئاندىن سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇيمىز. ئاندىن ياڭيۇنى سېلىپ (چامغۇر ئىشلەتكەندە، چامغۇرنى قورۇماي سۈيىگە سالىمىز) قورۇپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، قورۇلغان سۆكنى سېلىپ 25-20 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. ئاش پىشىش ئالدىدا تۇز قۇيۇپ دورا - دەرمەكلەرنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، ئاش قويۇلغاندا قاچىلارغا ئېلىپ، يۈزىگە سوققان قەلەمپۇرنى سېلىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
سۆك ئېشى | UyghurWiki | UyghurWiki