UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىمېغىزى كۇمۇلەك

مېغىزى كۇمۇلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى قۇيرۇق ياغ 175 گرام، تاماققا ئىشلىتىدىغان ياڭاق ئۈچ دانە، كۆك، قىزىل رەڭ ئازراق، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئۈچ دانە، كۈنجۈت يېغى ئازراق، ئاق شېكەر 70 گرام، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 50 گرام)، پۇرچاق قىيمىسى 70 گرام. 1. قۇيرۇق ياغنى تۆت سانتىمېتىر چوڭلۇقتا ئۈچ بۇرجەك قىلىپ نېپىز توغراپ، قاينا ق سۇغا بېسىپ خام تەمى چىقىرىۋېتىلىدۇ. ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ يۇمشىتىپ، ئۇنىڭغا پۇرچاق قىيمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، مېغىز پۇرچاق قىيمىسى تەييارلىنىدۇ. 2. قايناق سۇغا بېسىلغان قۇيرۇق ياغنىڭ ھەربىر تېلىنىڭ ئىچىگە پۇرچاق مېغىزى قىيمىسى سېلىپ، تۈگۈپ چاكلىرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن چاپلاپ، تەخسىگە تىزىپ قويىمىز. 3. تۇخۇمنى چېقىپ، ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى تەييارلىنىدۇ. 4. شېكەرنى سوغۇق سۇغا سېلىپ ئېرىتىپ، شېكەر سۈيى تەييارلىنىدۇ. 5. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5-4 دەرىجە قىزىتىپ، تۈگۈپ تەييارلانغان ياغنى بىر - بىرلەپ تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ئېلىپ، ياغقا سېلىپ، بىرىنچى قېتىم پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ؛ ياغنى 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە پىشۇرۇپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قويۇلىدۇ. 6. قازانغا كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ، شېكەر سۈيىنى تۆكۈپ قايناپ چىققاندا، تەخسىگە تىزىلغان كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق شېكەر ۋە كۆك، قىزىل رەڭ سېپىپ قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
مېغىزى كۇمۇلەك | UyghurWiki | UyghurWiki