UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىدۈملىمە جىگەر

دۈملىمە جىگەر

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ جىگىرى ئىككى دانە، زىرە ئازراق، قۇيرۇق ياغ 175 گرام ، قارىمۇچ ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، كۈنجۈت يېغى ئازراق، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئازراق. 1 . قوي جىگىرىنىڭ قىرغاقلىرىدىن تالنىڭ چوڭلۇقىدەك قىلىپ بىر قانچە پارچە كېسىۋېلىپ، جىگەرنىڭ ئىچىدىكى گۆشنى چىقىرىۋېلىپ، ئۇنى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق چاناپ، ئۇنىڭغا چانالغان پىياز، تۇخۇم سېرىقى، تۇز، سوققان زىرە، قارىمۇچ، كۈنجۈت يېغى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. 2. گۆشى چىقىرىۋېلىنغان جىگەرنىڭ ئىچىگە تەييارلانغان قىيمىنى سېلىپ تولدۇرۇپ، ئاغزىنى تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن پۇرچاق ئۇنىدا ياسالغان قويۇق شىرىدە يەملەپ، قاسقانغا قويۇپ 25~20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. قاسقاندا دۈملىمەستىن سۇدا پىشۇرغاندا، دۈملىمە تالدەك پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
دۈملىمە جىگەر | UyghurWiki | UyghurWiki