تاتلىق چۈرۈك قورۇما
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى 200 گرام، سامساق تۆت چىش، ئاق شېكەر 70 گرام، جاڭيۇ ئازراق، ئاچچىقسۇ 3 گرام، شورپا ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 140 گرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام).
1 . 200 گرام ئومۇرتقا گۆشىنى ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر، قېلىنلىقى يېرىم سانتىمېتىر يالپاقلاپ توغراپ قۇيۇق پۇرچاق ئۇنى شىرىسىگە چىلاپ قو
يۇلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قويۇپ 6~5 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ ئۈستى قېتىشىپ، رەڭگى ئاقارغىچە پىشۇرۇلىدۇ. گۆش ئاقارغاندا، سۈزۈپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، گۆشلەرنى بىر - بىرىدىن ئاجرىتىپ قويۇلىدۇ.
3. بىر قاچا شورپىغا جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ، سامساق، شېكەر چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگىچە قورۇپ، سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە قويۇلىدۇ.
5. قازانغا ياغ قۇيۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، شورپا قويۇقلاشقان ھەم قايناپ كۆپۈك چىقىشقا باشلىغاندا تەخسىدىكى گۆشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
بۇ قورۇما زىياپەت داستىخانىغا تېز ئېلىپ چىقىلىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا چاراسلاپ ئاۋاز چىقىپ تۇرىدۇ. كېيىن قالسا ئۇنداق بولمايدۇ.