ئالما بەلىچى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئۇن 300 گرام، تۇخۇم بىر دانە، سۇ ياغ يېرىم ئاش قوشۇق، تۇز بىر چىمدىمچە، چۈچۈمەل ئالما 5.1 كىلوگرام، شېكەر (45 گرام) ئۈچ ئاش قوشۇق، سوقۇلغان قوۋزاقدارچىن يېرىم ئاش قوشۇق، مارگىرىن، سېرىقماي، سۇياغ ئىككى ئاش قوشۇقتىن، خېمىر ئېچىش ئۈچۈن قۇرغۇن.
شەربىتى ئۈچۈن: ئىككى ئاش قوشۇق شېكەر، بىر دانە لىمون.
ئۇن، تۇز، تۇخۇمغا 80 گرام سۇ ئاز - ئازدىن قۇيۇلۇپ، خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر چالا يۇغۇرۇلۇۋاتقاندا يېرىم ئاش قوشۇق سۇياغ قوشۇلۇپ، يۇغۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. يۇمشاقراق خېمىر يۇغۇرۇلغاندىن كېيىن يۈزىگە نەم داستىخان يېپىلىپ، 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2. ئالمىلار يۇيۇلۇپ، شۆپۈكى سويۇلۇپ، ئۇرۇقى چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئۇششاق توغرىلىپ، سۈيى سىقىلىدۇ، ئىچىگە سوقۇلغان قوۋزاقدارچىن ۋە شېكەر سېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. تىندۇرۇلغان خېمىر ئىككى پارچىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇن بىلەن قۇرغۇنلاپ تۇرۇپ، ھەربىر پارچىسى دىئامېتىرى 40 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا ئىككى يېيىم ئېچىلىدۇ ۋە يەنە 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
4. مارگىرىن، سېرىقماي ۋە سۇياغلار بىللە ئېرىتىلىدۇ. ئېچىلغان خېمىرنىڭ بىر پارچىسى ئېرىتىلگەن ئەبجەش ياغدا كىچىك چوتكا بىلەن ھەممە يېرى ياغلىنىدۇ، ئاندىن دىئامېتىرى 25 سانتىمېتىر بولغان بىر يۇمىلاق لېسقا سېلىنىپ، لېستىن ساقىپ قالغان قىسمى يۈزىگە قاتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەييارلىغان ئالما قىيمىسى يېيىتىلىدۇ.
5. يەنە بىر پارچە خېمىرمۇ يۇقىرىدىكى ئىشلىمە بويىچە ھازىرلىنىپ، ئالما قىيمىسى ئۈستىگە يېپىلىدۇ. 200 گرادۇسقا توغرىلانغان دۇخوپكىدا 40 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.
6. شەربىتى ئۈچۈن ئىككى ئاش قوشۇق شېكەر سېلىنىپ، بىر پىيالە سۇ بىلەن بىللە شېكەر ئېرىگۈچە قاينىتىلىدۇ. ئوتنى ئۆچۈرمەي تۇرۇپ يېرىم لىموننىڭ سۈيى ۋە بىر لىموننىڭ شۆپۈكىنىڭ كېپەكتەك توغرامچىسى سېلىنىدۇ. ئالما بەلىچى دۇخوپكىدىن ئېلىنغاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ قويۇلغان شەربەت ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.