UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرى(قورۇما لەڭمەن(بوسو

(قورۇما لەڭمەن(بوسو

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 200 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، جاڭيۇ مۇۋاپىق، پەمىدۇر ئۈچ باش، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، جاڭدۇ ياكى بەسەي 140 گرام، پىششىق ياغ ئازراق، كۆك لازا ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. گۆشنى قاقتەك چوڭلۇقتا، لېكىن نېپىز يالپاقلاپ، جاڭدۇنى قىسقا قىلىپ توغرايمىز. ئەگەر يىسىۋىلەك (بەسەي) ئىشلىتىلسە، گۆشنىڭ شەكلىدە توغرىلىدۇ. پەمىدۇر. سامساقلارنى ئۇششاق توغرايمىز. كۆك لازىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقى ۋە ئاچچىق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشنىڭ چوڭلۇقىدا، سۇڭپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە توغرىلىدۇ. كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل قايناق سۇغا چىلاپ تەمى چىقىرىلىدۇ. 2. خېمىرنى <پىلتە لەڭمەن>نىڭ خېمىرىدەك تەييارلاپ، ياپىلاق (ئەرجىزە)لەڭمەندەك، كەڭلىكى 5.1 سانتىمېتىرلىق ئۇزۇنچاق ياپىلاقلاپ، قايناۋاتقان قازانغا باش بارماقنىڭ يېرىمىدەك چوڭلۇقتا ئۈزۈپ تاشلاپ، 7-5 مىنۇت پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىپ، سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ ئېلىنىدۇ. 3. گۆشنى جاڭيۇ، چىلغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ قىزارتىپ، ياغدىن ئۆتكۈزۈپ قاچىغا ئېلىپ قويۇلىدۇ. 4. ساپلىققا ياغ قۇيۇپ، قىزىتىپ سېلىپ سارغايتىپ، جاڭدۇ ياكى باشقا ئاساسلىق سەينى سېلىپ، چالا پىشقاندا لازىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن سۈيى، قۇيۇپ، سامساقنى سېلىپ كۆكتات تەييارلاپ، ياغدىن ئۆتكۈزگەن گۆشنى سېلىپ، ئاندىن ئۈزۈپ تاشلىغان ئاشنى ئىسسىتىپ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقسۇ، ئازراق پىششىق ياغ سېپىپ تەخسىلەرگە ئۇسۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى