UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبېھى تورتى

بېھى تورتى

ئۇيغۇر تائاملىرى تۇخۇم ئۈچ دانە، شېكەر ئالتە ئاش قوشۇق، ئۇن يەتتە ئاش قوشۇق، مارگىرىن 125 گرام، لىموننىڭ سۈيى 70 گرام، لىمون پوستىنىڭ قىرىندىسى 70 گرام، سودا پاراشوكى يېرىم ئاش قوشۇق، بېھى ئىككى دانە، ھەسەل ئۈچ ئاش قوشۇق. تۇخۇم بىلەن شېكەر قوشۇلۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. مارگىرىن ئېرىتىلىپ سوۋۇتۇلىدۇ. لىمون سۈيى، كېپەكتەك توغرالغان لىمون پوستى ۋە مارگىرىنلار كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ. ئۇن ۋە سودا پاراشوكى قوشۇلۇپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ياغلانغان ۋە ئۇن سېپىلگەن دۇخوپكا لېسىغا تۆكۈلىدۇ. بېھىلەر ئادالىنىپ، سويۇلۇپ ئىنچىكە تىلىملىنىدۇ ۋە تورتنىڭ ئۈستىگە تىزىلىدۇ. بېھىلەرنىڭ يۈزىگە ھەسەل سۈرتۈلۈپ، 180 گرادۇسقا توغرىلىنىپ قىزىتىپ قويۇلغان دۇخوپكىدا 30 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. يۈزى مېغىز ۋە باشقا مېۋىلەر بىلەن پەردازلىنىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى