ياغدا پىشقان كۇمۇلەك
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى 280 گرام، كۈنجۈت يېغى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، زىرە ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . گۆش ۋە سۇڭپىيازنى گۆش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈستىگە ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، سوققان كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، قىيما ياساپ كىچىك - كىچىك كۇمۇلەك تەييارلىنىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، تەييارلانغان كۇمۇلەكلەرنى كۈنجۈت يىغىدا داغلاپ، ياغقا سېلىپ بىرىنچى قېتىم پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. ئىشلىتىش ۋاقتىدا 8-7 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا يەنە سېلىپ قىزارتىپ ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش يولى كەڭ.