UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىسېرىقماي پولۇسى

سېرىقماي پولۇسى

ئۇيغۇر تائاملىرى گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، سەۋزە بىر كىلوگرام، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، سېرىقماي 500 گرام، زەرچىۋە ئازراق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. گۆشنى 140 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، قايناۋاتقان تۇزلۇقراق سۇغا سېلىپ 1~5.1 سائەت قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 2. سەۋزىنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، قازاندىكى شورپىغا سېلىپ، يېرىم پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن پاكىز تازىلاپ يۇيۇلغان گۈرۈچنى شورپىغا سېلىپ، ئوتنى تېزلىتىپ، گۈرۈچ شورپىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگىچە پىشۇرۇلىدۇ. شورپا 500 گرام، گۈرۈچقا 240 گرام ھېسابىدا بولىدۇ. 3. باشقا بىر قازاندا سېرىقماينى ئېرىتىپ، ئاشنىڭ يۈزىگە قۇيۇپ، ئاشنى 40-30 مىنۇت دەملەيمىز. 4. پولۇنى لېگەنگە ئالغاندا تۇزلۇق سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئۈستىگە بېسىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
سېرىقماي پولۇسى | UyghurWiki | UyghurWiki