قورۇما
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى بىر كىلوگرام، تۇرۇپ 140 گرام، جاڭيۇ 200 گرام، پەمىدۇر 105 گرام، سۇ يېغى 105 گرام، سامساق بىر باش، سۇڭپىياز 35 گرام، يۇمغاقسۈت 4.23 گرام، يىسىۋىلەك (بەسەي) 140 گرام، ئاچچىقسۇ 4.23 گرام، كەرەپشە (چىڭسەي) 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . گۆش، ياڭيۇ، يىسىۋىلەك (بەسەي)، تۇرۇپ، سۇڭپىيازلارنى قېلىن يالپاقلاپ، سامساق، پەمىدۇرلارنى ئۇششاق، يۇمغاقسۈت، كەرەپشىلەر (چىڭسەيلەر) قىسقا توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن پەمىدۇرنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇپ، يىسىۋىلەك (بەسەي)، ياڭيۇ، تۇرۇپنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، چالىراق پىشقىچە قورۇلىدۇ. ئاندىن تۇز ۋە سامساق سېلىپ، خۇرۇچ چىلاشقۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا بەش مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.
3. قورۇما پىشقاندا، ئۇنىڭغا يۇمغاقسۈت سېلىپ تەخسىگە ئېلىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. نان بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ.