دۈملىمە بېلىق Ⅲ
ئۇيغۇر تائاملىرى
بىر كىلوگراملىق بېلىق ئىككى تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، چاۋا ياغ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، جاڭيۇ 35 گرام، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سۇڭپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، بېلىقنىڭ دۈمبىسىگە دولقۇنسىمان سىزىق سىزىپ، جاڭيۇ بىلەن تۇزغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. سۇڭپىيازنى ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساق، زەنجىۋىللەر يالپاق توغرىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ، سەككىز دەرىجە قىزىتىپ، چىلىغان بېلىقنى سېلىپ يېرىم پىشۇرۇپ ئىلىنىدۇ؛ قازاندا ئازلا ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ، تېتىتقۇ شورپا، جاڭيۇ، تۇز سېلىپ، يېرىم پىشۇرۇلغان بېلىقنى سېلىپ قاينىتىپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
بېلىق پىشقاندىن كېيىن ئۆرۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ شورپىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارقىراتما ياغ، ئاچچىقسۇ چېچىپ، بېلىقنى شورپىسى بىلەن چوڭقۇر تەخسىگە ئېلىنىدۇ.