UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئوچۇق پۆرە

ئوچۇق پۆرە

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز 500 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، ئېرىتكەن قوي يېغى ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ 15 گرام. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، پىيازنى ئۇششاق چاناپ، سوققان زىرە، قارىمۇچ، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ. 2. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، چالا بولغاندا 35 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ قىيما سېلىپ، بولاق مانتىدەك تۈگۈپ، ئاغزىدىن قىيمىسى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك تۆشۈك قالدۇرۇلىدۇ. 3. قىزىق تاۋىنى ياغلاپ، پۆرىنىڭ تۆشۈك تەرىپىنى ئاستىغا قىلىپ تىزىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن تۆشۈك تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ ئۆرۈپ، شۇ تۆشۈكتىن قوشۇق بىلەن ئاز - ئاز ياغ تامغۇزۇپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى