ئاتلا
ئۇيغۇر تائاملىرى
قىچا 140 گرام، ئېرىتىلگەن ياغ 105 گرام، قورۇلغان ئۇن 70 گرام، پىياز 30 گرام.
1. قازاننى پەس ئوتقا قويۇپ قىزىتىپ، قىچىنى سېلىپ قورۇپ ئېلىپ، ئېزىپ ئۇن چىقىرىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى قورۇلغان ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قىزىق سۇ قۇيۇپ قوچۇپ قويۇپ شىرە ياسىلىدۇ. شىرە كاللەك بولۇپ قالماسلىقى لازىم.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرالغان پىيازنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ بولۇپ، بىر قاچا سۇنى تېتىغۇدەك تۇز قۇيۇپ قاينىتىپ، تەييارلانغان قىچا، ئۇن شىرىسىنى قۇيۇپ، كەپكىر ياكى چۆمۈچ بىلەن تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ئارىلاشتۇرۇپ تۇرمىسا، قازانغا يېپىشىپ قېلىپ، ئىس ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەگەر سېرىقمايدا ئېتىلگەندە، قىچا بىلەن ئۇندا شىرە قىلماستىن، ئۇننى قازانغا سېلىپ پىياز بىلەن بىللە قورۇپ، سۇ قۇيۇپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. قىچا بولمىسا، ئاق ئۇن بىلەن قىلسىمۇ بولىدۇ.