تۇخۇم پوشكىلى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 70 گرام، ئەبجەش ياغ 175 گرام، تۇخۇم 10 دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.
قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ، ئۇنىڭغا ئۇن، تۇز، ئېرىتكەن خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ قويۇق شىرە ياساپ، 15 ـ 20 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2. تاۋىنى ياكى قازاننى قىزىتىپ ئەبجەش ياغدا داغلاپ، تىندۇرغان شىرىنى ئۆلچەملىك قىلىپ قۇيۇپ، تەكشى يېيىتىپ، ھەر ئىككى يۈزىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.