UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقورۇما بېلىق

قورۇما بېلىق

ئۇيغۇر تائاملىرى بىر كىلوگراملىق يېڭى بېلىق ئىككى تال، سۇڭپىياز ئىككى تال، موگۇ 35 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، سامساق بىر باش، قىزىل لازا ئىككى شوخ، جاڭيۇ ئازراق، شورپا ياكى قايناق سۇ 70 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سېرىق ھاراق ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ياغ لازىنىڭ يېغى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، شامالدىتىپ، ئاندىن ئومۇرتقىسى بىلەن قوشۇپ توغرىسىغا كېسىپ پارچىلاپ، تەخسىگە قويۇپ، تۇز، جاڭيۇ، سېرىق ھاراققا چىلاپ قويۇلىدۇ. 2. موگۇ قوناقتىن چوڭراق، زەنجىۋىل، سامساقلارنى ئۇششاق، سۇڭپىياز، قىزىل لازىلار ئىنچىكە توغرىلىدۇ. 3. قازاننى قىزىتىپ، ئازراق ياغ قۇيۇپ، بېلىقنى سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ ئېلىنىدۇ. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، قىزىل لازىنى سېلىپ سارغايتىپ، موگۇ سېلىپ قورۇپ، سۈيى تۈگىگەندە بېلىقنى قازانغا سېلىپ، ئۈستىدىن شورپا ياكى قايناق سۇ قۇيۇپ، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ، تۇز، سېرىق ھاراق، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، سامساقلارنى سېلىپ، پەس ئوتتا قويۇپ پىشۇرۇپ، شورپىسى تۈگىگەندە تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى