تۇخۇم قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
تۇخۇم ئالتە دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ياغ 70 گرام، قىزىق ياغ ئازراق، پەمىدۇر ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ 35 گرام.
1. تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقسۇ، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ؛ پەمىدۇرنى ئۇششاق توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، تۇخۇم شىرىسىنى تۆكۈپ، تېز قورۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ، سۈيى تۈگىگەندە قىزىق ياغدىن ئازراق چېچىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.