UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىيىقچا

قىيىقچا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئاق شېكەر 70 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ئەبجەش ياغ ئىككى كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، چۈچۈتكەن سۇ يېغى 70 گرام. 1. بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا ياغ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ داستىكى ئۇنغا قۇيۇپ چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن خېمىرنى ئايلاندۇرۇپ كېسىپ، ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق، چىشلىق قىيىقچا تەييارلىنىدۇ. قازانغا ئەبجەش ياغ قۇيۇپ 6 دەرىجە قىزىتىپ، كېسىلگەن قىيىقچىنى بىر - بىرىنى ئۇزۇنراق قىلىپ قولغا چىرايلىق ئوراپ يۆگەپ، ياغقا سېلىپ چۇۋۇۋەتمەستىن سارغايتىپ پىشۇرۇپ، ۋازىغا تىزىپ، قىزىق ۋاقتىدا ئۈستىگە ئاق شېكەر سېپىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى