UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەسەرلەرشىفائىل قۇلۇب

شىفائىل قۇلۇب

قەدىمكى ئەسەرلەر XKQ/545 بۇ ئەسەر، كىتاب 12 بابقا بۆلۈنگەن: بىرىنچى باب باش - ئېغىز ھەققىدە؛ ئىككىنچى باب پالەچ كېسىلى ھەققىدە؛ ئۈچىنچى باب كۆز كېسىلى ھەققىدە؛ تۆتىنچى باب قۇلاق، بۇرۇن، چىش، تىل كېسەللىكلىرى ھەققىدە؛ بەشىنچى باب ئۆپكە، ئۈچەي، جىگەر، بۆرەك كېسەللىكلىرى ھەققىدە، ئالتىنچى باب جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى ھەققىدە؛ يەتتىنچى باب تەن ئاجىزلىق كېسىلى ھەققىدە؛ سەككىزىنچى باب تەپ كېسەللىكى ھەققىدە؛ توققۇزىنچى باب تېرە كېسەللىكلىرى ھەققىدە؛ ئونىنچى باب يىلان چېقىپ جاراھەتلەنگەن كېسەللىكلەرنى داۋالاش ھەققىدە؛ ئون بىرىنچى باب زەھەرلىنىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ھەققىدە؛ ئون ئىككىنچى باب بالىلار كېسەللىكلىرى ھەققىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: بەدىردىن سوفى. فورماتى: 28 × 18 سانتىمېتىر، 329 بەت. چاغاتايچە، قول يازما. ھىجرىيە 1314 - يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەسەرلەر