UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەسەرلەرسىياد شېرىف تۈركى

سىياد شېرىف تۈركى

قەدىمكى ئەسەرلەر XKQ/671 بۇ ئەسەر ئالەمنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر (316 بەت). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىن پەيغەمبەر بولغانغۇچە ئارىلىقتىكى ۋەقەلەر (111 بەت)، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى كېلىپ، ئىسلام دىنى ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار (333 بەت)؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغىچە ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر (532 بەت) بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە مۇئىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 36 × 26 سانتىمېتىر، 1224 بەت. چاغاتايچە، ھىجرىيە 1333 - يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەسەرلەر
سىياد شېرىف تۈركى | UyghurWiki | UyghurWiki