مايمۇن يىللىقلار
مۆچەل
ھەۋەسمەن، رەھبىرىي ئىقتىدارغا ئىگە، زېرەك، پاراسەتلىك، تەمكىن، قىزغىن.
مۇغەمبەر، ھىيلىگەر، ھاماقەت، ۋالاقتەككۇر، پۇرسەتپەرەس.
مايمۇن 12 مۈچەل ئىچىدە ئادەم بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ھايۋان، شۇڭا ئۇنىڭ ئادەمگە ئوخشاش ئەقىللىق ۋە ساختا ئىكەنلىكى قىلچىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
قەدىمكى كىتابلاردا <مايمۇن> كەشپىياتچىلارغا، ئىلھاملىق شائىرلارغا ۋە باشقىلاردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاشقا ماھىر كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەككارلىقى ۋە سېھرىي كۈچى بىلەن ئىش قىلىدىغان ئالدامچىلارنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. مايمۇن يىللىقلار چىگىش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇلار يەنە باشقىلارغا ئۇستاز بولالايدىغان ۋە ئالغا ئىنتىلىشچان كىشىلەرنى بىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ئالاھىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلار تىلشۇناس بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلار ھاياتىدا ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەتچىگە دۇچ كەلمەيدۇ.
پايدىسىز تەرەپ شۇكى، مايمۇن يىللىقلارنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلار باشقىلارنى ئانچە ھۆرمەت قىلمايدۇ، ھامان ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنى بىلەن ئارتۇقچە ھېسابلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچى ۋە ئىنتايىن شۆھرەتپەرەس كىشىلەردۇر. بۇ ھال ئۇلاردا كۈچلۈك ھەسەتخورلۇقنى تۇغدۇرىدۇ، باشقىلار ئالغا ئىلگىرىلەپ كەتكەندە ياكى باشقىلاردا بار نەرسە ئۇلاردا بولمىغاندا، بۇنداق ھەسەتخورلۇق مۇقەررەر ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئويىنى يوشۇرۇشقا، ئستىرتىن ئۆزىنىڭ ھىيلىگەرلىك ئاساسدىكى ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈشكەن ماھىر كېلىدۇ. بېيىش يولىنى ئىزدىگەندە ۋە ئۇ ھەقتە پۇختا پىلان تۈزگەندە، ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى نامايەن قىلىدۇ، بۇ جەھەتتە باشقا يىلدا تۇغۇلغانلارنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
مايمۇن يىلى تۇغۇلغانلار تۇغما ماھارەتلىك كېىدۇ، ئۇلار مۇنەۋۋەر ئارتىس، يازغۇچى، دىپلومات، ئادۋوكات، سپورتچى، پايچىك، ئوقۇتقۇچى ۋەھاكازالاردىن بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئۇلار كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەردىن بولۇپ، ھەر قانداق ئادەم بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ، ئەگەر ئۇلار سىزنى ئالداپ قويۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئالدىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمەي قالىسىز.
قەتئىيلىك - مايمۇن يىللىقلارنىڭ كۆپ خىل پەزىلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئۇلاردىن بەزىلىرى قارىماققا شۇ قەدەر تارتىنچاق، ئۇياتچان كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە قەتئىي تەۋرەنمەس ئوي - پىكىرلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، مايمۇن يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنىلا شەخسىيەتچى، ، ھەسەتخور دېسىمۇ توغرا بولمايدۇ. ئۇلار بەزى پائالىيەتلەرگە بىۋاستە قاتناشمىغان چاغدا، شۇ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ. ئۇلار بىرەر ئىشقا يولۇققاندا، ئادەم بىلەن ئەتەي دۈشمەنلىشىدىغان ئىشنىمۇ قىلمايدۇ، بىراق ئىشتا تازا ئەتراپلىق ئويلىنىپ كېتەلمەيدۇ، باشقىلارنى ئانچە كۆپ نەزەرگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.
مايمۇن يىللىقلار ئۆزىنىڭ چېچەن ۋە باتۇرلۇقىدىن سۆيۈنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆز - ئۆزىدىن سۆيۈنگەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىنى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى قىلچە يوشۇرمايدۇ، تەكەببۇرانە سۆز - ھەرىكىتىنى ھېچقانداق پەردازلاپمۇ كەتمەيدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئەگەر سىز مايمۇن يىللىقلارنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ يۈرۈشلىرىدىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرمەڭ.
ئۇلارنى ھەدەپ تەنقىدلەش، ئەيىبلەش، جازالاش چارىسى ئۈنۈم بەرمەيل قالماي، ئەكسىچە ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئۇلار ئۈستىدىكى ھەر قانداق ئەيىبلەش ئۇلارنىڭ سول قۇلىقىدىن كىرىپ ئوڭ قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇكى، ئاغرىغان يېرىگە بارمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار سىزنىڭ گېپىڭىزنى يالغان، ھەتتا كۈلكىلىك، ئاساسسىز دەپ بىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىگىلا ئىشىنىدۇ، ئۇلاردا ئۆز ئەيىبى ئۈستىدە ئويلىنىش روھى بولمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىنتايىن ئوچۇق ئىپادىلەپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى تەنقىد قىلىشتا ئېنىق پاكىت ئاساسىڭىز بولمىسا، پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز.
مايمۇن يىللىقلار ناھايىتى زېرەك كېلىدۇ. شۇغىنىسى، زېرەكلىكنى جايىدا ئىشقا سالالمايدۇ، ئۇلار ھامان باشقىلارنى ئېزىقتۇرۇش ۋاستىسى بىلەن ئىش كۆرىدۇ، ھامان ھەم پۇل خەجلىمەيدىغان، كۈچ سەرپ قىلمايدىغان، ھەم پايدا ئالىدىغان ئىشنى ئىزدەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئوڭايلىقچە ئېرىشەلمەيدۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى زېرەكلىك ئاساسىدىكى تەكلىپلىرىدىن ەۇمانلىنىدۇ، ئۇلاردا قانداقتۇر بىر ناپاك مەقسەت بار دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئۇلارمۇ بەزىدە بۇنى كۆرۈنۈشتە ئېتىراپ قىلىدىيۇ، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۆزىنى مەڭگۈ سۆيىدۇ.
بۇنداق دېيىش مايمۇن يىللىقلارنى ھەرگىز جاھىل دېگەنلىك ئەمەس، ئۇلار ئەھۋالغا قاراپ ئكزەىرىشكە باشقىلاردىن بەكرەك ماھىر كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا ئاچچىقلىنىپ، غەزەبلىنىپ كەتمەي، ئۇلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان كىشىلەر دېمەي، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىدىن پايدىلىنىش، ئۇلارنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. ئەگەر ئۇلار ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسا، ئۆز ئىشىدا يېڭى رېكورتلارنى يارىتىش ئارقىلىق، كونا نەرسىلەرنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىدىن، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق مىزاننىڭ كونا ئەنئەنىنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىدىن، ھەرخىل كەشپىياتلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك لايىھىلەر تەرىپىدىن شاللاپ چىقىرىلغانلىقىدىن، ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇب بولسا مەيۈسلەنمەيدىغان، پۈتۈن نىيەت بىلەن ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشنىلا ئويلايدىغان قوماندانغا مۇناسىپ سالاپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇنداق نەتىجە كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنى قايىل قىلماي قالمايدۇ.
مايمۇن يىللىقلار چىۋەر ھەم ماھارەتلىك بولغاچقا، ھامان غەلىب ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرگىز قانائەت قىلمايدىغان روھىي ھالىتى بىلەن تۇغما تالانتى بىر - بىرىگە ھەقىقەتەن ماس كەلگەن بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىدە ئاللىقانداق كەملىك ھېس قىلغاندا، ھەر قانداق ئىشنى سىناپ بېقىشتىن ئايانمايدۇ. ئۇلار ئىنچىكە ھېساب - كىتاب قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ خىزمەتتە ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك ھەم سەزگۈر بولىدۇ، ئۇلار بىرەر قامال ئىچىدە قالغاندا، ئۇنى ھەممە ۋاستىلەرنى قوللىنىپ كەسكىنلىك بىلەن تېز بۆسۈپ چىقالايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، بىراق ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا قاتتىق غەزەبلىكىمۇ كېلىدۇ.
مايمۇن يىللىق قىزلار تېتىك، روھلۇق، تەبىئىي جەزبىلىك كېلىدۇ، ئۇلار نەرگە بارسا شۇ يەرگە شادلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ جانلىق - جۇشقۇن كەيپىياتىدىن ۋە گۈزەل چىرايىدىن شادلانمايدىغانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
ئۇلار ئەقىللىق، خۇش پېئىل بولۇپ، ئىشتا ھەر قانداق ئادەم بىلەن چىقىشالايدۇ. ئۇلار كەچلىك يىغىلىشلارنىڭ تەشكىلاتچىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى، قولى ئوچۇق، سېخىيى ئايال خوجايىنلاردۇر. بىراق، ئۇلاردا مايمۇن يىللىقلارغا خاس روشەن خۇسۇسىيەتلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇشقا ماھىر، ئىشنى ئىنچىكە قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ. مايمۇن يىللىق چوكانلار ماھارەت كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسلردىن بولالايدۇ. ئۇلار ئوچۇق - يورۇق، زېھنىي كۈچكە تولغان بولۇپ، بىرەر مەيۈسلۈككە يولۇققاندا، ۋۇجۇدىدىكى تولۇپ تاشقان كۈچ ئۇلارنى <ئالغا چامداش> قا ئۈزلۈكسىز ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ كىشىلەر باشقىلارنىڭ كۆرسەتمە ۋە ياردەم بېرىشىگە موھتاج بولمايدۇ، ئۇلار تۇرمۇش يولىدا ئۆز نىشانىغا قاراپ مۇستەقىل ھەم ئىشەنچ بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇلار يەنە باشقىلارغا ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئەپلىك يول تېپىشنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىشىمۇ مۇمكىن، ئۇلار گەپنى ئۈنلۈك - ئۈنلۈك قىلىدۇ، ئەمما ئۆزى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرگە سىز بەرمەيدۇ.
مايمۇن يىللىق قىزلار رىغبەتكە ئامراق كېلىدۇ، بىراق بىھۇدە، ئۈنۈمسىز ئىشنى قىلمايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مەنىسىز گەپلەرنى قىلماسلىققا دىققەت قىلىدۇ، تۈرلۈك سورۇنلاردا كىشىلەر بىلەن شۇ سورۇنغا لايىق گەپلەر بىلەن پاراڭلىشىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ مىجەز - خۇلق جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلەشكە، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ چىۋەر پەمى بىلەن باشقۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇلار قولىدىكىنى ئوڭايلىقچە چىقارمايدۇ، ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قولىدىن پۇل ئېلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار قۇسۇرچى، تەلەپچان كېلىدۇ.
مايمۇن يىللىق ئاياللار رەتلىك، زامانغا لايىق كىيىنىدۇ، بولۇپمۇ چېچىنىڭ پاسونىغا بەكرەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئۇلار ئامال بار پوزور، چىرايلىق ياسىنىدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، مايمۇن يىللىقلارنىڭ تېرىسى زىيادە سېزىمچان كېلىدۇ، شۇڭا مايمۇن يىللىق قىزلار گىرىمنى بەك كۆپ قىلىپ تېرىسىنى بۇزىۋالىدۇ. مايمۇن يىللىق ئاياللار ئۆز - ئۆزىدىن يول قويىدىغان، ئوڭاي قانائەتلىنىدىغان كېلىدۇ، بىراق ئۇلار دۆت ئەمەس، تەشكىلاتچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇلار تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن تاشقىرى، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىدۇ، ئۇلار شەھەرلەردە ئەڭ مودىچى ئاياللار تىپىغا كىرىدۇ.
مايمۇن يىللىقلار ئومۇمەن مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ماھارىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەمەلىيەتچىلىك روھىغا باي كېلىدۇ، سانائەت ساھەسى، سىياسىي ساھە، ئىقتىسادىي ساھە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداق كىشىلەر قاتناشمىسا زىيانغا ئۇچرايدۇ. بىراق، شۇنىڭغا جەزمەن دىققەت قىلماي بولمايدۇكى، مۇبادا مايمۇن يىللىقلار بىلەن بىللە ئىشلەپ قالسىڭىز، ئۇلارنى يۈزدە يۈز ئۆزىڭىز تەرەپتە تۇرىدىغان قىلغىنىڭىزدا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز.
كىشىلەر مايمۇن يىللىقلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، خاپىلىق تارتىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. چۈنكى، ئۇلار چېچەن بولغاچقا، كىشىلەرگە ھامان سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ. ئۇلار تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزىنى ھامان پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىرەر زىيانغا ئۇچرىغان ياكى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان چاغدا، تاكتىكىلىق ئىش كۆرۈپ ئىتائەتمەنلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ.
قىسقىسى، ئۇلار قىزغىن، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەردۇر. ئۇلار ھەر قاچان مۇشەققەتلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىراق شۇنىڭغا يارىشا ھەق ئالمىسا ئۇنىمايدۇ. بولمىسا ئاغرىنىپ قېلىپ، ئۇ ئىشقا ئىككىنچى قول سالمايدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلىگىنىڭىزدە، ئۇلارنى ئەخمەق قىلىدىغان، گېپىڭىزدە تۇرمايدىغان، شۇنىڭ بىلەن ۇلرنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
ئومۇمەن ئالغاندا، مايمۇن يىلى تۇغۇلغانلار تېنى قاۋۇل كېلىدۇ، سالامەتلىكىدىن چوڭ چاتاق چىقمايدۇ. ئادەتتە مايمۇن يىللىقلارنىڭ تولىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
بىراق، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ھال - ئوقىتىدىكى پەرق تۈپەيلى ئايرىم شەخسلەر ئارىسىدا پەرق بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئوخشاشمىغان تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تۇرمۇش ئەھۋالى ئوخشاش مايمۇن يىللىقلارنىڭ سالامەتلىكىگە سەل قارىغۇسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىزدە يەنە سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر مۇنچە يامان ئىللەت ۋە يامان ئادەتلەرمۇ بولىدۇ، ئۇلارغا يېتەرلىك ئېتىبار بىلەن قارىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، كىچىك چاتاق چوڭ چاتاققا ئايلىنىپ ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، جانغا زامىن بولىدىغان نۇرغۇن ئېغىر كېسەللىكلەر ئادەتتىكى كېسەللىكنىڭ ئاستا - ئاستا كۈچىيىپ ئەۋج ئېلىشىدىن كېلىپ چىققان.
بىرىنچىدىن، سىزنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ھەرىكەتچانلىقىڭىز تولا چاغلاردا بەزى كۈتۈلمىگەن ۋە ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىكلەرنى ئەكېلىپ ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئالايلۇق، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا، كوچىلاردىكى ماشىنىلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئېھتىيات قىلسىڭىزلار، ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنى زور دەرىجىدە ئازايتالايسىز، ھەتتا ئۇلاردىن پۈتۈنلەي ساقلىنالايسىز.
ئىككىنچىدىن، سىز ناھايىتى ئەقىللىق كېلىسىز، شۇغىنىسى، ئىشنى تولا ۋاقتىلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزۈپ قويىسىز.
مەسىلەن، كەيپىيات ياخشى چاغلاردا، قالايمىقان بىر نېمىلەرنى يېگەندە، ھەتتا ئىلگىرى يەپ كۆرمىگەن نەرسىلەرنى يېگەندە، ئاسانلار يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىدىغان ئەھۋال تۇغۇلىدۇ، يېنىك بولغاندا ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇ ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال، دەرۋەقە، ئېغىر بولغاندا جاندىن ئايرىلىدىغان گەپ.
شۇڭا، ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇغۇلغان ئادەتتىكى ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكىدىن باشقا، يەنە بۇنىڭدىن تۇغۇلىدىغان تولغاق، ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، كېزىك قاتارلىقلاردىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
يەنە شۇنىڭغىمۇ ئېتىبار بېرىشىڭىز كېرەككى، سىزدىكى ئاز - تولا بىر تەرەپلىمىلىك كۆپ ھاللاردا سىزدە تاماق تاللايدىغان ئادەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق تاللاش كۆپ ھاللاردا ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش سىزنىڭ ساغلام تېنىڭىزگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئەكېلىدۇ.
سىز ئوچۇق - يورۇق، شوخ - تېتىك بولسىڭىزمۇ، سىزدە باش قىسمىڭىزغا ئاسانلار قان تولۇپ قالىدىغان ۋە ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، شۇڭا نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتىكى كېسەللىكلەردىن ۋە باش ئاغرىش مېڭىگە قان چۈشۈشكە ئوخشاش كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، پەسىل ئۆزگەرگەندە ئاسانلا زۇكام، گال ئاغرىقى كېسىلىگە دۇچار بولىسىز، بۇ ھال بەدىنىڭىزدە پەسىل خاراكتېرلىك تەڭپۇڭسىزلىق ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئادەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى كۆز - كۆز قىلىپ يۈرمەي، كۆپرەك دىققەت قىلغىنىڭىز ياخشى.
سىزدە شۇنچىۋالا كۆپ ئۇششاق كېسەللىكلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئىدىيىۋى يۈك قىلىۋالماڭ. مۇھىمى ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ بولسۇن، كۆپرەك ئېھتىيات قىلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز نۇرغۇن كېسەللىكلەردىن خالاس بولۇپ كېتىسىز.
ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - بۇلار ئۆز ئارا ئالاقە قىلسا بولىدۇ، بىراق بۇ چاشقان يىللىقلارغا بىر ئاز پايدىسىز، مايمۇن يىللىقلار ھەمىشە چاشقان يىللىقلاردىن پايدىلىنىدۇ، بۇنىڭدا زىياننى ئەلۋەتتە چاشقان يىللىقلار تارتىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - بۇلار دوست بولالايدۇ، كالا يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مايمۇن يىللىقلار كالا يىللىقلارنى ئەخمەق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنى بەك ئاشۇرۇۋەتمىسىلا، دوستلۇقى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ياخشىسى بەك چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتماسلىقى كېرەك. بۇلار ئالاقە قىلسا بولىدۇ، مايمۇن يىللىقلارنىڭ جەزبىلىك كۈچى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قىزىقارلىق تۈسكە كىرگۈزىدۇ، بىراق ئالاقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى كۆپ ھاللاردا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ، ئايرىلىپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ. بىراق، ئىككىسى بىللە بولسا، بىر - بىرىگە يانتاياق بولۇپ، ھەمىشە دېگۈدەك بەزى كۈتۈلمىگەن ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - مايمۇن يىللىقلار بېلىق يىللىقلارنىڭ ئالدىدا خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ، بىراق بېلىق يىللىقلارمۇ مايمۇن يىللىقلاردىن پايدىلىنىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئالاقە قىلسا بولىدۇ، بىراق دوستلۇق ئانچە چوڭقۇر بولمايدۇ، دەرۋەقە توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كەمدىن كەم بولىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - بۇلارنىڭ دوست بولمىقى تەس، چۈنكى ئات يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارغا مۇتلەق ئىشەنمەيدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، مايمۇن يىللىقلار قوي يىللىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۇلار بىللە بولغاندا ھەمىشە قارشى تەرەپتىن پايدىلىنىمەن، قارشى تەرەپنى ئەخمەق قىلىمەن دەپ تۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ بەك ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئىككى تەرەپنىڭ مىجەزى يېقىن كەلگەچكە دوست بولالايدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشى ناتايىن. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇش ئېھتىمالى چوڭ ئەمەس.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بۇلارنىڭ دوست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ھەۋەسلىرى ئوخشاشمىغاچقا، كۆڭۈلسىز ئايرىلىپ كېتىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ئىت يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنى بويسۇندۇرالىسا ۋە قايىل قىلالىسا، دوست بولالىشى مۇمكىن.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى مايمۇن يىللىقلار توڭگۇز يىللىقلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ بىللە بولۇپ قالسا ھەر ھالدا چىقىشالايدۇ.
مايمۇن يىللىقلار ئىنكاسى تېز، چېچەن بولغاچقا، بولۇپمۇ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى بىلەن مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغاچقا، تۇرمۇشىنى ئومۇمەن ئوبدان ئۆتكۈزىدۇ. ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، ئويۇن كۆرسىتىش ماھارىتى يۇقىرى، ئۆزىنى كۆرسىتىش ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا سەنئەت ساھەسىگە ئوخشاش نام - ئاتاققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ساھەلەردە تېگىشلىك ئورۇن ئالالايدۇ. ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ساھەلەردە سۆزمەن بولغاچقا، سودا - سېتىق تىجارىتىگە ئوخشاش كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
شۇغىنىسى، تالانتلىق ھەم ئۆتكۈر بولغىنى بىلەن، ئۇششاق - چۈششەك نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قېلىش خاھىشىدا بولىدۇ. دېمەك، ماھارەتلىك بولغاچقا، تەكەببۇر، قانائەتان كېلىدۇ، ئىشتا تىرىشمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۆزىنىلا كۆزدە تۇتىدىغان ھەم ئوي - پىكىردەساددا بولغاچقا، ئۆزى بىلەن ھەمراھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قائىدە - مىزانلارغىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ئىنتىزام - قائىدىلەرگە رىئايە قىلماسلىق خاھىشىدا بولىدۇ. تېخىمۇ ئوسال يېرى شۇكى، مەمنۇن بولۇشنى بىلمەيدۇ، بىر نېمىگە قەتئىي بەل باغلاپ كېتەلمەيدۇ. ئۆتكۈر ھەم ھوشيار بولسىمۇ، ئىشلار توغرىسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان قۇرالمايدۇ، ھامان كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا قوغلىشىدۇ.
ئومۇمەن سۆزگە ئۇستا ئادەمنىڭ مېڭىسىمۇ ئۆتكۈر بولىدۇ. مايمۇن يىللىق ئادەم دەل ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنى تەنتەك ئىكەن دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
دېمەك، مايمۇن يىللىقلار ھەر قانداق ئەھۋالدا سەمىمىيەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى، ئۇششاق - چۈششەك نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلەنمەي، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئۆزىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا خىجىل بولماي لاپ ئۇرىدىغان، ئالدىراقسانلىق قىلىدىغان مىجەزىنى تۈزىتىشكىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئاياللارغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەقدىرى تولاراق قوشۇمچە رول ئويناشتىن باشقا بولمايدۇ. بىراق، ئۇلار ئەقىل ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا دىققەت - ئېتىبارغا سازاۋەر بولىدۇ. يەنە ئاق كۆڭۈل بولۇپ، باشقىلاردىن ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ھەممىلا يەردە ئالقىشقا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. مەيلى ئوخشاش جىنىسلىق بولسۇن، مەيلى يات جىنىسلىق بولسۇن، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغانلار جەزمەن كۆپ بولىدۇ.
<ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە،
نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق
تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز
ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن
ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق
قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى
يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت
قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىراق چاشقان يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارغا ئارتۇقچە چوقۇنۇپ كەتمەي،
ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - ياخشىسى ھەمكارلاشماسلىقى كېرەك. كالا يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھال كالا
يىللىقلارنى تېخىمۇ ئېغىز زىيانغا ئۇچرىتىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىراق يولۋاس يىللىقلار ۋەھشىي مىجەزىگە ھاي بېرىشى، مايمۇن يىللىقلارمۇ
يولۋاس يىللىقلارنىڭ پېيىدە بولۇشقا ئارتۇقچە كۈچەپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىا، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ، بۇلار بىر - بىرىنى پاراكەندە
قىلىشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - تازا كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلاشقۇچىلار دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار ئۇزاققىچە ھەمكارلىشالايدۇ،
ھەمكارلىقتا مەڭگۈ مەغلۇب بولمايدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىراق مايمۇن يىللىقلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى پاراسەتلىكى يىلان يىللىقلارغا
ھەمىشە بىر خىل بېسىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، چاتاق مۇشۇنىڭدىن چىقىشى مۇمكىن.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەمكارلىشىش ئېھتىمالى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئات يىللىقلار ئۆزىنى بىلىدۇ، مايمۇن يىللىقلار بىلەن
ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلسا زىيان تارتىدۇ، شۇڭا مايمۇن يىللىقلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن كۈچىنىڭ بارىچە ساقلىنىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئارىدىكى ھەمكارلىق ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، بىراق قوي يىللىقلار قىسقا مەزگىللىك
زىياننى بەك ئېغىر چاغلاپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، مايمۇن يىللىقلاردىكى تالانت ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تامامەن روناق تاپقۇزالايدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ھەمكارلىشىشى مۇمكىن، بىراق ئىككى تەرەپ ياخشىسى ئەقىل ۋە كۈچتە ئۆز ئارا بەسلەشمەسلىكى
كېرەك. بولمىسا، ئاۋارىچىلىك تۇغۇلۇپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ئارىدىكى ھەمكارلىق توخۇ يىللىقلارغا جەزمەن پايدىسىز بولىدۇ، توخۇ يىللىقلار مايمۇن يىللىقلار
ئۈچۈن دەسسەپ ئۆتىدىغان پەلەمپەيلا بولىدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ھەمكارلىقىدىن ھېچقانداق پايدا كەلمەيدۇ. مايمۇن يىللىقلار ئىت يىللىقلاردىن قورقىدۇ، ئىت
يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنىڭ ئارتۇقچە پايدىغا ئېرىششىگە ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ.
△ مايمۇن يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ھەمكارلىقتىن ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدا كېلىدۇ. توڭگۇز يىللىقلار ئامەتلىك بولىدۇ، مايمۇن
يىللىقلارنى ئۆزى بىلەن پائال ھەمكارلىشىشقا جەلىب قىلالايدۇ؛ مايمۇن يىللىقلارمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدۇ.
مايمۇن يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ بالىلىق دەۋرى كۆڭۈللۈك ھەم بەختلىك ئۆتىدۇ. ئالدى بىلەن، سىزنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ئائىلىڭىز بولىدۇ، ئاتا - ئانىڭىز سىزگە چەكسىز كۆيۈنىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ. سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىلىق دەۋرىڭىز شۇ قەدەر گۈزەل بولىدۇكى، ھېچنېمىدىن غەم يېمەيسىز، ھەممە جەھەتتىن چەكسىز كۆڭۈللۈك ئۆتىسىز.
بىراق، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا بىر مۇنچە مەسىلىلەرگە يولۇقىسىز، بۇ مەسىلىلەرنىڭ تۇغۇلىشىغا ئۆزىڭىزنىڭ خۇي - پەيلى سەۋەب بولىدۇ. ئادەتتە، مايمۇن يىللىق ئادەم تېتىك، شوخ كېلىدۇ، چاتاق چىقىرىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە كېلىپ تۇغما گۇمانخور بولىدۇ. قېرىلىق دەۋرىگە بارغاندا، ئومۇمەن تۇرمۇشىڭىز تىنچ، خاتىرجەم ئۆتىدۇ. ھەمىشە يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز، ھەمىشە ئۆتكەنكى ئەسلىمىلەر ئىچىگە غەرق بولۇپ، ئۆتۈپ كەتكەن گۈزەل بالىلىق دەۋرىڭىزگە تارتىشقاندەك يۈرىسىز. شۇڭا ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتەلمەيسىز.
ئومۇمەن ئالغاندا ئامىتىڭىز ئوڭدىن كېلىدۇ. سىز ئاكتىپ ھەم خاراكتېر جەھەتتە تاش مىجەز بولغاچقا، تۇغما غەم يېمەسلەر تىپىغا كىرىسىز. ئاساسەن تەلەيلىك بولۇپ، پۇل جەھەتتە ئۆمۈر بويى باش قېتىنچىلىقىغا قالمايسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، سىز ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر بولغاچقا ھەم ئالاقە دائىرىڭىز كەڭ بولغاچقا، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھامان ئوبدان پۇرسەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ، باشقىلارنىڭ ياردىمىگىمۇ ئېرىشىپ تۇرىسىز.
بىراق، تۇغما ئالدىراقسانلىقىڭىز ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتىكى چولتىلىقىڭىز تۈپەيلى، بەزىدە ئىشنى قول ئۇچىدىلا قىلىپ قويىسىز. چوڭقۇر باش قاتۇرۇپ كېتەلمەيدىغان بولغاچقا، چوڭراق ئامەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايسىز.
ئالدىڭىزغا كەلگەن ئىككى پۇرسەتتىن ياخشىسىنى تاللاپ ئىش كۆرەلەيدىغان بولسىڭىز تازا ئوبدان بولاتتى. بىراق، بەك ئالدىراقسانلىقىڭىز تۈپەيلى، كۆپ ھاللاردا كىچىككىنە نەتىجىنى كۆرۈپلا شۇنىڭغا قانائەتلىنىپ قالىسىز.
سىزدە يەنە شۇنداق بىر كەمچىلىكمۇ باركى، تولا چاغلاردا بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا، باشقا بىر ئىشنى كۆرۈپ قالسىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشتىن تەۋرىنىسىز. كۆپ ھاللاردا قىلىۋاتقان ئىشنى تۈگەتمەي ھەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالماي تۇرۇپلا باشقا ئىشقا تۇتۇش قىلىپ كېتىسىز - دە، شۇنىڭ بىلەن ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئۈنۈملەردىن قۇرۇق قالىسىز.
يەنە، بەزىدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بەرمەي، تولا چاغلاردا قائىدىسىزلىك قىلىپ، باشقىلارنى رەت قىلىدىغان مەيدانغا تۇرۇپ قالىسىز - دە، نۇرغۇن ئامەتلەرنى قاچۇرۇۋېتىسىز.
ئۆزىڭىزگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتمەي، ئويلىنىپ ئىش كۆرۈڭ، ئىشەنچنى ئاقلاڭ، شۇ ئاساستا تىرىشىدىغان بولسىڭىز، ياشانغاندا ئامىتىڭىز تېخىمۇ ئوڭدىن كېلىدۇ.
مۇھەببەت - سىزگە قىزىقىدىغان يات جىنىسلىقلار كەينى - كەينىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، رەت قىلمىسىڭىزلار، لايىق تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەيدىغان ئىش بولمايدۇ. بىراق، مايمۇن يىللىق ئاياللاردا مۇھەببەت ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس دەيدىغان ئىدىيە بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇزاققا بارمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار ناھايىتى نازاكەتلىك ۋە ئالىپتە بولۇپ، ھەر قانداق ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا باشقىلاردا ھەمىشە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
مۇھەببەتلىك گەپلەر بولۇنغاندا، قىسقا ۋاقىت ناھايىتى ساداقەتمەن بولىدىغان، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ياكى توي قىلغاندىن كېيىن، بارا - بارا ئەسلى تەبىئىتىنى ئاشكارىلاپ، ئىلگىرىدىكى ئويۇنخۇمارلىقى ۋە ھۇرۇن - چېچىلاڭغۇلۇقى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، مەنىسىز ئائىلە تۇرمۇشىدىن بىزار بولۇپ، سىرتقا يۈگۈرۈشكە باشلايدىغان، ئاخىرىدا نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ساداقەتنى ئەلا كۆرۈشى كېرەك. بۇ - تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.
يۇقىرىدىكىلەر مايمۇن يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىدىكى مىجەز - خاراكتېرى ۋە تەقدىرىگە دائىر ئەھۋاللار، ئەمدى قانداق ئەرلەرنىڭ سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزگە ماس كېلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.
سىز ئەقىللىق، چېچەن، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان، شوخ - تېتىك، ئوچۇق - يورۇق بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ۋە
ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەت بولۇپ تۇرىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ھەممىلا ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز، شۇڭا سىزگە يېقىنلىشىدىغان يات
جىنىسلىقلارمۇ كۆپ بولىدۇ، كىشىلەرگە تولىمۇ نازاكەتلىك تۇيغۇ بېرىسىز، لېكىن ھامان كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا چىقىپ تۇرىسىز، نۇرغۇن
كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىسىز.
بىراق، دەسلەپكى باسقۇچتا، سىز مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ھېسسىياتىڭىز قوزغالغان ھامان، ئىلگىرىكىگە تۈپتىن
ئوخشاشمايدىغان ئىككىنچى بىر ئادەمدەك ئىچى كۈچلۈك بىر ئادەمگە ئايلىنىسىز، يەنى قارىماققا ئۆزىڭىزگە كەلگەندەك قىلىسىڭىزمۇ،
ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە كەلمەيسىز. روھىي جەھەتتە دائىم يالغۇزلۇق ۋە زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ تۇرىسىز - سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر
ئادەم بىلەن زادى قانداق ئۇزاققىچە بىللە ئۆتەلەيدۇ؟
☆ چاشقان يىللىقلار
ھەر ئىككىلا تەرەپ ئىتائەتچان كېلىدۇ ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ھەم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىگە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ تەرەپلەرنى
ئاساس قىلغاندا، ئۇلار قارىماققا <بىر - بىرىنى تارتقان ئەر - خوتۇن> لاردەك قىلسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە يەنىلا ئۇنداق بولمايدۇ. چاشقان يىللىق
ئەرلەر ئېھتىياتچان كېلىدۇ، سىز بولسىڭىز ھامان ئەركىن، شوخ كېلىسىز. پۇل ھەققىدىكى قاراشنى ئالساق، چاشقان يىللىق ئەرلەر ئىنچىكە
ھېساب - كىتاب قىلىدۇ، سىز بولسىڭىز بەتخەج كېلىسىز. ئىككى تەرەپ بىرلەشسەڭلار، تەڭپۇڭلۇق ھاسىل بولۇپ، نىكاھ تۇرمۇشىنى
داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. سىز مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدىغان پوزىتسىيىڭىزنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتسىڭىزلا، ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۇزاققىچە
داۋاملاشتۇرالايسىز.
☆ بېلىق يىللىقلار
سىزگە ئوخشاش مايمۇن يىللىقلار غوجىدار تىپىدىكى ئادەملەردىن ئەمەس. سىز توي قىلغاندىن كېيىنمۇ سىرتلارغا چىقىپ ئويۇن - تاماشا قىلىش
ئىستىكىدە بولىسىز، ئۆي ئىشلىرى ۋە بالا بېقىشقا ئوخشاش ئۇششاق ئىشلارغا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايسىز. مۇشۇ تەرەپنى كۆزدە تۇتقاندا،
بېلىق يىللىق ئەرلەر كۆكسى - قارنى كەڭ خىيالپەرەسلەردىن بولغاچقا، ئۇششاق ئىشلارغا كۆز قىرىنى سالمايدۇ، شۇڭا سىزگە تازا ماس كېلىدۇ.
بىراق، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇلۇغۋار خىياللارنىڭ تولىسى رېئاللىققا يات، قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ؛ رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان
سىزدەك مايمۇن يىللىقلار بېلىق يىللىق ئەرلەرنىڭ خام - خىياللىرىنى زادى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشىنىپ يېتەلەيدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ
كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان بىر ئامىلدۇر.
☆ ئات يىللىقلار
ئات يىللىق ئەرلەر باتۇرلۇق بىلەن توختىماي ئالغان ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلارمۇ بېلىق يىللىقلارغا ئوخشاش ئائىلە باشقۇرۇشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.
بىراق، ئۇلار ئۆز ئىشىغا بەك قىزغىن بېرىلىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئائىلىسىگە قاراشقا چولىسى تەگمەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ سىز بىلەن
كارى بولماسلىقى تۇرغان گەپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە خاس خىزمەت بىلەن ياكى ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز ياكى
ئۆزىڭىزنى منىسىز تۇرمۇشتىن خالاس قىلىدىغان بىرەر ئۇسۇل تاپسىڭىز، ئۇ چاغدا قىسمەت جەھەتتە ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ - دە، جەزمەن
ئۇزاققىچە بىللە ئۆتەلەيسىلەر.