UyghurWiki
UyghurWikiمۆچەلتوشقان يىللىقلار

توشقان يىللىقلار

مۆچەل زېرەك، ئېھتىياتچان، قولى گۈل، ئۆمرى ئۇزۇن، قارانىيەت. تولىمۇ تارتىنچاق، غەمكىن، ماختانچاق، مۇرەككەپ. توشقان يىللىقلار 12 مۈچەل ئىچىدىكى ئەڭ تەلەيلىك كىشىلەردۇر. خۇددى شەرق رىۋايەتلىردە ئېيتىلغىنىدەك ئۇ ئۆمرى ئۇزۇنلۇقنىڭ سىموۋولى، ئاينىڭ مەنىۋى نامايەندىسى. توشقان رەھىمدىللىكنىڭ، سىپايە ۋە نازاكەتلىكنىڭ، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ، ئىناق ۋە مۇلايىملىقنىڭ ھەمدە گۈزەللىككە شەيدالىقنىڭ تىمسالى، ئۇنىڭ شېرىن سۇخەنلىك ۋە رەھىمدىللىك بىلەن ئۆزىنى ئاياپ ياشاشتەك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى بىر غالىب دىپلومات ۋە ئىسسىق - سوغۇقنى بېشىدىن كۆپ ئۆتكۈزگەن بىر سىياسىيوننىڭ پۈتكۈل ئىدىيىۋى پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. توشقان يىللىقلار تىنچ، جىمجىت ۋە راھەتلىك مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار گەپنى ناھايىتى مەنىلىك قىلىدۇ، سەنئەتنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلارنى چىرايلىق باشلاپ چىرايلىق تۈگىتىدىغان روھى ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى بىر ئالىم بولۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇلار سىياسىي ساھە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە ماھىر كېلىدۇ. لېكىن، بەزىدە ئۇلارنىڭ خۇشلۇقى بىلەن خاپىلىقىنىڭ تايىنى بولمايدۇ. بۇنداق چاغلاردا، ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان مۇھىتتىن ئايرىلىدۇ ياكى باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. توشقان يىللىقلار سودا ۋە پۇل مۇئامىلە سودىسىدا ئالاھىدە تەلەيلىك كېلىدۇ. ئالاقە باغلاش، پۈتۈشۈش جەھەتتە ناھايىتى چېچەن بولغاچقا، ئۇلار ھامان مۇۋاپىق تەكلىپ ۋە ئوبدان لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار پايدا ئالىدۇ. ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىشىشىتىكى ئېپى ۋە ئەپچىللىكى ئۇلارنى ھەر قانداق كەسىپتە تېز يۈكسىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. توشقان يىللىقلار قارىماققا باشقىلارنىڭ پىكرىگە پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەنقىدلەنسە روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ <ئېتىشماي يۈز ئۆرۈش> تاكتىكىسى ئىنتايىن زور ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە، ھالبۇكى ئۇلار بىر ئىشقا پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلگەن تېخىمۇ قۇۋلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە مېھرىبانلىق ۋە يېقىنچىلىق قىلىدۇ، باشقىلارغا ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ بېرىدۇ، ھەتتا رەھىمسىزلىك قىلىدۇ. سىلىق - سىپايە بولغاچقا ھەم ئۆزىنى ئەركىن تۇتقاچقا، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ھۇزۇرلىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنڭ ئارزۇسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، بىئەپ ئىشلاردىن ئىنتايىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تارتىنچاق، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان ۋە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولغاچقا، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئىنسانىي دوستلۇق ناھايىتى ئاسانلار بىر ئىش دېگەنگە بەك ئىشىنىدۇ ھەمدە ھامان مەدەنىي ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئاشكارا دۈشمەنلىشىشكە قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار ناھايىتى جىمغۇر بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئاسانلا خاتا تونۇشقا كېلىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ، ئۆز نىشانىغا تەرتىپلىك ۋە يېڭىلىشمەستىن يېتىدۇ، ئۆزىنى ھامان تەمكىن تۇتىدۇ، ئالىتوپىلاڭ كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دۆتلۈك قىلىپ ياكى تۈزلۈك قىلىپ باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىمايدۇ. توشقان يىللىق كىشىلەرنىڭ چۈشىنىپ يەتكىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ماھىيىتى ئۇلارنى سۆھبەتتە تاقابىل تۇرۇش تەس كىشىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوي - پىكرىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. كىشىلەر توشقان يىللىق كىشىلەر ئەسكىلىك قىلمايدىغۇ دەيمەن دېگەن تەسىراتتا بولىدۇ. ئۇلار قۇلاققا خۇشياقمايدىغان گەپلەرنى قىلمايدۇ، مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە ئەزەلدىن قوپال گەپلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇلار ھەقىقىي قىياپىتىنى سالاپەتلىك تاشقى لىباسلار بىلەن پەردازلاپ ئۆز دۈشمىنىگە ئازار يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى كىشىلەرنى گۇمانلاندۇرمايدۇ، ھاجىتى چۈشكەندە، سىزنى ئەڭ ياخشى ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىدۇ، ھاراق - شاراب ئىچىشىپ، ئاش - تائاملارنى يەپ غىققىدە بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك تاماكىڭىزنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئېلىپ چېكىشكە باشلىغىنىڭىزدا، ئۇلار توختامنى چىقىرىپ قول قويۇشىڭىزنى ئۆتۈنىدۇ، سىز ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز. ئۇلار ناھايىتى تادان بولۇپ، ھەتتا ئىشنى قانداق پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى سەزمەيلا قالىسىز. ئۇلار قەلەمنى بىر تەۋرىتىپلا ھەممە ئىشنى پۈتتۈرىدۇ - دە، سىز پەقەت ئۇنىڭ يەنە بىر قۇربانى بولۇپ قالىسىز، خالاس. سىز غالجىرلاشقان توشقاننىڭ يولۋاسنىڭ ئاغزىدىكى سەۋزىنى تارتىۋالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بىر ھەجۋىي رەسىمنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق سىزىلغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز. توشقان يىللىقلار بەزىدە ئېزىلەڭگۈ ياكى توىمۇ ئېھتىياتچان كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ئۇلارنىڭ بىخەستىلىك قىلمايدىغان، ئېھتىياتچان تەبىئىتى بەلگىلىگەن. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، ئۇلار ھەر قانداق بىر ھۆججەتكە قول قويۇشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرىدۇ. ئۇلار كىشىلەرگە توغرا باھا بېرىدىغان ۋە ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىكتىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ. سۈرلۈك توشقان يىللىق ئاياللار مەسىلىلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىدۇ ھەمدە دوستلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئۇلار كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان بىر قىز، بازار ئايلىنىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ ياكى دائىم بىللە يۈرۈپ ھېكايە ئېيتىشىدىغان، ھال - مۇڭ بولىدىغان بىر دوست. ئۇلار ئىنتايىن قىزغىن ۋە ئەقىللىق بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنى ناھايىتى يېنىك، خۇشال ھېس قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ، دوستلىرىنىڭ توي مەرىكىسىدىكى ھەر بىر ئىشنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە ئوبدان پىلانلىيالايدۇ. ئۇلار زېرىكىشلىك رەسمىيەتچىلىكلەردىن بىزار بولغان چاغدا، قولىدىكى ھەممە ئىشنى تاشلاپ، ئۆزى يالغۇز ئاستا كېتىپ قالىدۇ. بۇ توشقان يىللىقلارنىڭ كەڭ قورساقلىقىنىڭ نامايەندىسى. سىز ئۇلارنىڭ ھەر قانداق پاتىپاراقچىلىقتا نېمە ئۈچۈن تەمكىنلىكىنى يوقاتماي ئۆزىن تۇتۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭدىكى سىرنى باتارېيىڭىزنى يەنە بىر قېتىم زەرەتلەشكەن توغرا كەلگەندىلا چۈشىنەلەيسىز. چۈنكى، باتارېيىنى قانداق چاغدا زەرەتلەش كېرەكلىكىنى ئۇنىڭدىنمۇ ئوبداش چۈشىنىدىغان ئادەم يوق. ھەممە ئادەم جېنىنىڭ بارىچە تاپىلاقلاپ ئالغا قاراپ كېتىۋاتقان چاغدا، ئۇلار خۇدايىم بەرگەن ئەتىنىڭ يەنىلا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنچىۋالا ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ بىردەم ئۆز ھالىدا تۇرۇۋېلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار بەلكىم سىزنى سىرتتىكى كەسكىن رىقابەتنى بىردەم بولسىمۇ ئويلىمايدىغان بولسۇن دەپ، سىزگە بىر چىنە چاي دەملەپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. قىسقىسى، ئۇلار تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان كىشىلەردۇر. يەنە كېلىپ توشقان يىللىق ئاياللار ياكى ئەرلەر باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ كەيپىنى بۇزىدىغان ايكى دائىم باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە كۆز تىكىپ تۇرىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى ئەمەس. ئۇلار قانداق ۋاقىتتا چىداپ يول قويۇشنى بىلىدۇ، جامائەت سورۇنلىرىدا ھەر قانداق ئادەم بىلەن ئاشكارا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇلار يۈزنى ساقلاش سەنئىتىگە ئۇستا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يۈزىگە تەڭ ئېتىبار بېرەلەيدۇ، ئۇلار ئامال بولسىلا سىزنىڭ يۈزىڭىزنى تۆكمەسلىككە تىرىشىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار سىزنىڭ يېڭىلىشىۋاتقانلىقىڭىز بىلەن ئىلگىرى كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئېغىر ياكى قۇتقۇزۇۋالغۇسىز دەرىجىدىكى خاتالىق بولمىسىلا، سىزنى چۈشىنىدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنداق پەزىلەت بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئالقىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى ئۇلارنى دۈشمىنى ناھايىتى ئاز بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلار ئاۋارىچىلىككە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. چۈنكى، باشقىلارمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدۇ. قوي يىللىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توشقان يىللىقلاردەك ھېسداشلىققا باي دىلكەش ئادەم يوق. ئۇلار باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشكە ناھايىتى ئۇستا ھەمدە كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ئېيتسىڭىز ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ، لېكىن ئۇلار پاسسىپ نەسىھەتچىنىڭ رولىنىلا ئۆتەيدۇ. ئۇلار بىلىملىك رېئالىزمچى ياكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان كىشىدۇر. ئۇلاردىن ئىش تېرىيالايدۇ دەپ ئۈمىد كۈتمەسلىك، كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن بەك تەسكە چۈشىدۇ. بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، سىز ئۇلار بىلەن ھەر قانچە يېقىن دوست بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇ سىز بىلەن بىللە ئېگىز تاغلىق رايونغا ئېكسپېدىتسىيە قىلغىلى بارمايدۇ. تۆلەشكە قۇربى يەتسىلا، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىڭىز ئۈچۈن پۇل بېرىپ تۇرالايدۇ ياكى كېپىل بولۇپ سىزنى تۈرمىدىن ئاچىقىۋالالايدۇ، لېكىن ئۇلار سىزگە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ياردەم قىلالايدۇ. ئۇلارغا ناھايىتى زور توسالغۇ پەيدا بولغاندا، ئۇلار ناھايىتى تېز، لېكىن ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن سىزنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ. كېلىشكە ۋە نازاكەتلىك توشقا يىللىق بىر خېنىم ئاق كۆڭۈل، مۇتەئەسسىپ مىليونېر بىلەن توي قىلىشنى خالايدۇكى، قەددى - قامەتلىك يالاڭتۆش ئاشنىسىغا جور بولۇشنى خالىمايدۇ. ئالدىنقىسى ئۇنى ئەۋزەل شارائىت ۋە ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغان زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ جورىسى ئۇنى قوغدىيالايدىغان ۋە ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىغاندا، ئۇنى ئاۋارە قىلمايدىغان ھەمدە ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. پار - پۇر، گېئومېترىك شەكىللە ياكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۈرەتلەر ئۇلارنىڭ ماسلىق تۇيغۇسى ۋە تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا ناھايىتى مېھرىبانلىق قىلسىمۇ، ئائىلىسىدىكى كىشىلىرى بىلەن يىراقلىشىپ يۈرىدۇ ياكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ناھايىتى يامان كۆرىدۇ. ئائىلىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايدۇ، توشقان يىللىق ئەر ياكى ئايال بولسۇن بەك يېقىن دوست تۇتۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى تىڭ - تىڭلىغان ياكى ئۇنىڭغا بېقىنىدىغان ئادەملەرنى قىلچە ئۆكۈنمەستىنلا تاشلىۋېتەلەيدۇ. بەزى مۈشكۈل مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەلدارلىق تەلەپپۇزىدا سۆزلەشنى ۋە توساق سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇلار رەسمىي ۋەدە بېرىشنى ياكى بەك ئىچكىرىلەپ ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدىغان ئۇستا مۇتەخەسسىس بولۇشى مۇمكىن. توشقان يىللىق ئەرلەر ناھايىتى سەمىمىي، ئەدەپلىك كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى سىپايە بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇلار مۆتىۋەرلەرچە سالاپەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سىزگە مەدھىيىلەر ئوقۇيدىغان يېرى راست، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھاراقلىرىڭىزنىمۇ ئىچىدۇ. شۇنداق، ئۇلار جەمئىيەتتىكى سەرخىللارغا ۋە مۆتىۋەرلەرچە غەمسىزلىككە خۇشتار كېلىدۇ. ئىنچىكە ئويلىغاندا، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى بەلكىم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە مۇلايىم توشقان يىللىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئەقىللىكلىكىگە قايىل بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىلانە نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇلارنىڭ كەمچىلىكى شۇكى، ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامراق، خۇدۇكچان، گېپى ئاچچىق، بىپەرۋا كېلىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ كۈلپەتلىرىدىن خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلدىن قورققاندەك قورقىدۇ. ئۇلار ئاسانلىقچە ئالدانمايدۇ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق مەخپىيەتلىكنى ساقلايدۇ ياكى شەخسىي سىرىنى ساقلايدۇ. ئۇلار خەۋپ ھېس قىلغاندا، ئۇششاق - چۈششەك پايدا - مەنپەئەت ئېلىش ياكى يوشۇرۇن قارشىلىق قىلىش روھىي ھالىتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش تاكتىكىسى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار ئۆزىگە بەك ئىشەنگەچكە، ئۆزىنى ھەممىدىن يۇقىرى مۆلچەرلەيدۇ. مەجبۇرلاش ئاستىدا، ھەر قانداق نەرسىنى تاشلايدۇ ياكى ئۆزىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا پېتىنغان ھەر قانداق ئادەمدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇلار ئېتىقادى جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ھەر ئىككى تەرەپكە ئىشەنچىلىك دەپ ھېس قىلدۇرىدىغان ماھارەتنى ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. تەبىئەتتە، بۇنداق تىپتىكى ئاجىز مەخلۇقلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. چوڭ خەۋپ - خەتەر بار يەردە سىزنىڭ بىرەر توشقانچاقنى ئۇچرىتىپ قالمىقۇڭىز ناھايىتى تەس. ئومۇمەن ئېيتقاندا، توشقان يىلى تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىنى بىر قەدەر رازى قىلىدۇ. تۇغما بەدەن ساپاسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، مۇتلەق كۆپ ساندىكى توشقان يىللىقلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى كېلىدۇ. توشقان يىللىقلارنىڭ كۆپچىلىكى پۇت - قولى تەيلىك زېھىن ۋە كۈچ - قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان، مەڭزى قىزىل ۋە خاراكتېرى تۇراقلىق كېلىدۇ. قارىغاندا توشقان يىللىقلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ تېنىڭىزدە تۇرغۇن ئۇششاق كېسەللىكلەر يوشۇرۇنغان بولغاچقا، سىز ھامان ئۇنىڭغا سەل قارايسىز. ئۇنىڭغا بىپەرۋالىق بىلەن قارىسىڭىز ئۇ سىزگە ئەجەللىك كېسەللەرنى ئەكىلىشى مۇمكىن شۇڭا، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، توشقان يىللىقلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئانچە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئالدى بىلەن، چىقىرىش ئىقتىدارىڭىز بىلەن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىڭىز دېگەندەك بېجىرىم ئەمەس. سىز يېمەكلىكلەرنىڭ ياخشى - يامىنىنى ئېنىق بىلگەچكە، سىزدە ئېغىر ھالدا تاماق تاللاش ئادىتى شەكىللەنگەن، نەتىجىدە تېنىڭىزگە كىرگە ئوزۇقلۇق تەكشى بولمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، يېمەكلىكلەرنىڭ ياخشى - يامىنىغا بولغان سەزگۈرلۈكىڭىز ئۆتكۈر بولغاچقا، بىر تەرەپتىن يېمەكلىكلەرنى ئىسراپ قىلسىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن تەن ساغلاملىقىڭىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئەزالارنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزلايدۇ. سىز دائىم نامەلۇم سەۋەبلەردىن قاتتىق قىزىيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزگە ناھايىتى ئاسان زۇكا تېگىدۇ. دائىم زۇكام بولۇش سىزنىڭ تەن ساغلاملىقىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماي، نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، سىز دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، چىقىرىش ئىقتىدارىڭىز ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىڭىز ئاجىزراق بولۇپ قالغان، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىسىز. سىزدە تۇغما ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە بادام بەز كېسەللىكى بار، يەنە كېلىپ ئۆسمە دائىم ئۆسۈپ قالىدۇ. سىزدە زېھىن كۈچ تولۇپ تاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاققا سوزۇلغان سەۋرچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلمايسىز. تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە ماھىر كەلمەيسىز، قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن ماددا ئالمىشىشنىڭ تېز بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، شۇڭا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ۋە چېنىقىش ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا بۇ سالامەتلىكنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئامىلى. بۇنىڭدىن باشقا، سىز نەپەسلىنىش سىستېمىڭىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. دائىم يۆتىلىپ يۈرگەندە كانايچە ۋە ئاۋاز پەردىسى ناھايىتى ئاسانلا زەخمىلىنىپ، ئۆپكە ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. ھاۋا تېز ئۆزگىرىۋاتقان پەسىلدە، ئۆز تېنىڭىزنىڭ ئىسسىق - سوغۇقلۇقىنى تەڭشەشكە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتنى كۈچەيتىشىڭىز كېرەك. بەدىنىڭىزنى بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق ھاۋادا ئوچۇق قويماڭ. ئىمكانقەدەر ئۆينىڭ ئىچىدە يۈرۈڭ ھەمدە تەبىئىي تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىپ تۇرۇڭ. تاماكا ياكى ھاراق قاتارلىق سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرگە خۇمار بولۇپ قالماڭ ۋە ئۇلاردىن ساقلىنىڭ. ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن. △ توشقان يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -دوست بولمىقى تەسكە توختايدۇ، توشقاننىڭ چاشقانغا بولغان غۇم - ئاداۋىتى چوڭقۇر بولىدۇ، شۇڭا توشقان يىللىقلار چاشقان يىللىقلارنىڭ دوستانىلىكىنى ئاسانلىقچە راۋا كۆرمەيدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن كالار يىللىقلار -ئىناق دوست بولالايدۇ، بىر - بىرىگە ئىشىنىش ئۇلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت ئاساسىغا ئىگە قىلغان. △ توشقان يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار -بىرقەدەر ئىناق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتالايدۇ، ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىگە قانداق ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدۇ. كۆپ جەھەتلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - خۇي - پەيلى بىر - بىرىگە يېقىن كېلىدۇ، ئارزۇ - ھەۋەسلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، ئۇلار سىرداش دوستلاردىن بولالايدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - مىجەزى چىقىشىدۇ، بىرى - بىرىدىن پايدىلىنىدۇ، شۇڭا ئەلۋەتتە ياخشى دوست بولالايدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئەپ ئۆتۈشەلەيدۇ، بىر - بىرىنى يېقىن دوست دەپ بىلىدۇ، ھامان ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە دەيدىغان نۇرغۇن پاراڭلىرى بولىدۇ ۋە ھامان ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىپ، ئورتاق تونۇشقا كېلەلەيدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەقىقىي جان دوستلاردىن بولالايدۇ، ئۇلاردا ھېسسىيات ۋە روھىي ھالەت جەھەتتە بىللە ياشاشتىن ئىبارەت بىر خىل مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ھالاۋەتتىمۇ، جاپا - مۇشەققەتىمۇ بىرگە بولالايدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئەڭ ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، قوينىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ماھارىتىگە توشقان قايىل بولىدۇ، توشقاننىڭ غەلىتە ئوي - پىكىرلىرى قويغىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ، ھەر ئىككىلىسىلا بىر - بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ياخشى دوست بولالايدۇ، لېكىن نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككىسى بىرگە بولۇپ قالسا، ياخشى ئىشتىن باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلىدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - توشقان يىللىقلارنىڭ مۇبالىغە قىلىۋېتىدىغان، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان قىلىقلىرىنى يامان كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن دوست بولۇشى قىيىن. △ توشقان يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - گەرچە توشقان ئىتقا ھېچقانداق ئەسقاتمىسىمۇ، لېكىن توشقاننىڭ كەڭ قورساقلىقى ئىتنى قايىل قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ياخشى دوست بولالايدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - بۇلار بىرلىكتە سىرتقا چىقمىسىلا دوست بولالايدۇ، چۈنكى توڭگۇزنىڭ ھاكاۋۋۇرلۇقى توشقاننىڭ تىنچلىقىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ. توشقان يىللىقلارغا ئومۇمەن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان، سەۋرچانلىق بىلەن ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر سىزگە تېخىمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز مۇلايىم، ھەر قانداق ئىشتا تەبىئىي ئەھۋالغا بويسۇنغانلىقىڭىز ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن كۈرەش قىلىشنى، ئۆز مەنپەئىتىڭىزنى دەپ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى ياقتۇرمايسىز. شۇڭا، سىزگە ھەق بىلەن ناھەق ئارىلىقىدا، ھەققانىيەت بىلەن ھەققانىيەتسىزلىك ئارىلىقىدا ئارىسالدى بولۇپ يۈرۈپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغان خىزمەتلەر مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بەدىئىي ھېسسىياتى كۈچلۈك، ھېسسىي پوزىتسىيىسىنى دۇنيا قارىشىغا تىرەك قىلىدىغان توشقان يىللىقلار ئەدەبىيات، گۈزەل سەنئەت، بىناكارلىق، مۇزىكا ۋە سەنئەتكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ، يەنە كېلىپ كۆپىنچە مۇشۇ جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنچىكە، تەپسىلىي، كۆزىتىش تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭمۇ جۈملىدىن ھەر خىل مەسلىھەت سوراش، سودا مەسلىھەتچىلىكى، تەھرىر - تەرجىمە خىزمىتى، بالا بېقىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز. ئىشلارنى مەسۇملارچە ئويلىشىڭىز، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشى خىزمىتىڭىزدىكى چوڭ بىر ئەۋزەللىكىڭىزدۇر. سىزنىڭ كىشىلەر ئارا مۇناسىۋىتىڭىز ئىنتايىن كەڭ بولىدۇ. سىز تونۇيدىغان ئادەملەر ئىچىدە يۇقىرىسى كاتتا ئەمەلدارلاردىن تارتىپ، تۆۋىنى ھەرخىل ئېقىمدىكىلەر بار، ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ دوستىڭىز. شۇڭا، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى زۆرۈر خىزمەتلەر، مەسىلەن، ئاممىۋى مۇناسىۋەتچىلىك قاتارلىق خىزمەتلەرمۇ سىزگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەدبىر بەلگىلەيدىغان كارخانىچى بولۇشنى سىناپ كۆرۈشىڭىزمۇ مۇمكىن. بىراق، بۇلار چوڭقۇم يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە ياردەم قىلىپ ئەقىل كۆرسىتىدىغان بىر ئىشەنچىلىك دوستىڭىز بولغاندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، رىقابىتى كەسكىن پايدا - زىيان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان خىزمەتلەر، جۈملىدىن، سىياسىي ساھە، سودا - سانائەت ساھەسىگە ئائىت خىزمەتلەر سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئالاھىدىلىكنى توشقان يىللىق بولغان سىز چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك. <ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي. △ توشقان يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -ئادەتتە ھەمكارلاشماسلىقى كېرەك، توشقان يىلىقلار چاشقان يىللىقلار بىلەن ھەمكارلاشسا، ئۇ سودا - تىجارەت ئېڭىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - ھەمكارلىقى دېگەن يەردىن چىقمايدۇ. بىر - بىرىدىن پايدىلىنىدۇ، بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدۇ - دە، ئاخىر بېرىپ ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىر - بىرىدىن زوقلىنىدۇ، توشقان يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارغا ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن كاتتا ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما، توشقان يولۋاسنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلار كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىشىدۇ، بولۇپمۇ بىرەر ئاسار - ئەتىقە دۇكىنى ئاچسا، بىرەر ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنى بېجىرىش ئورنى قۇرسا، ئىشلىرى تازا ئىلگىرىلەيدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ھەر ھالدا ئوبدان ھەمكارلىشىدۇ، توشقان يىللىقلار بېلىق يىللىقلارغا چارە تاپقۇزىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بېلىق يىللىقلارنى نۇرغۇن ئېسىل پىكىر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار -ھەمكارلاشسا بولىدۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، كۆپرەك ئىش قىلىش كېرەك. △ توشقان يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەمكارلىشىشى كېرەك، ئات كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەمەلىيەتچى، ئات ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان بولسىمۇ، لېكىن توشقان قىلىقسىزلىقنى ئازراق قىلغىنى تۈزۈك، بولمىسا، كۆپچىلىككە زىيان بولىدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ھەمكارلىشىشى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، توشقان قوينى قېتىرقىنىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، توشقان بولسا ئۆتكۈر كۆزى بىلەن دائىم ئەڭ ياخشى لايىھىنى تاللايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشلار كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىپ بارىدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلاشسا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ، بىر - بىرىنىڭ پىلانىنى بۇزىدۇ، ھەمكارلىق كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ، ئادەتتە ئىش تىجارەتنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلاشسا بولىدۇ، لېكىن توشقان بارلىق ھەرىكەت ۋە مۇددىئادا ھەمكارلىشىشنى مىزان قىلىشى كېرەك. △ توشقان يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - بۇلار ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردۇر، توشقاننىڭ زېرەكلىكى ۋە مەسىلىگە ئوبيېكتىپ قارىشى ئىتقا ناھايىتى ئەسقاتىدۇ، ئىت بولسا توشقانغا چەكسىز سادىق، شۇڭا بۇلار كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشالايدۇ. △ توشقان يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - بۇلار بىر جۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلاشقۇچىلاردۇر، توڭگۇز ئامىتى ياخشى، تەلەيلىك بولىدۇ. توشقاننىڭ زېرەك ۋە قولىدىن ئىش كېلىشى توڭگۇزغا قانات بولىدۇ. بۇنداق ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئەلۋەتتە جىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ. توشقان يىلىدا تۇغۇلغان ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسى تىنچ ۋە خاتىرجەم ئۆتىدۇ. بۇنى دەل توشقان يىللىقلارنىڭ ئۆز خاراكتېرى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزىڭىزمۇ ياقتۇرىسىز. شۇڭا، توشقان يىلى تۇغۇلغان ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىكى ھازىرقى ھالىتىگە قانائەت قىلىدۇ، ھەرخىل - ھەر ياڭزا تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ قارا نىيىتىڭىز يوق. شۇڭا، توشقان يىللىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلاردىن داغدۇغىلىق چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنالايدىغانلار ناھايىتى ئاز چىقىدۇ. لېكىن، بەزى توشقان يىللىق ئادەملەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغا سەمىمىي يار - يۆلەكتە بولىدىغان بىر - ئىككى دوستى بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ئۆمرىڭىزنىڭ دەل ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك بوران - چاپقۇنسىز، تىپتىنچ ئۆتىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، تىنچ ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشمۇ كىشىلەرنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، بۇنداق ئىكەن، سىزگە يەنە نېمە كېرەك؟ ئەگەر تەلەپ بەكمۇ يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە ئوڭۇشسىزلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. توشقان يىلىدا تۇغۇلغان ئادەم مەرد، ئالاقىسى كەڭ، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋىتى ياخشى بولىدۇ. ئومۇمەن، بېيىش ئامىتى جايىدا بولۇپ، ئۆمۈر بويى پۇلدىن غەم قىلمايدۇ. دەل تۇغما ئۈمىدۋار بولغانلىقىڭىز، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ياخشى بولغانلىقىڭىز، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار بىلەن ھېسابلىشىپ يۈرمەيدىغان بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، يىغقان پۇلىڭىزمۇ كۆپ بولمايدۇ. قولىڭىز سەل كەڭرى بولۇپ قالسا، قالايمىقان خەجلەپ تۈگىتىۋېتىسىز. ئىستېمال قىلىش تەلىپىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا بەزى زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، بېزەكلەر، ھەرخىل يېڭى ماللارغا بولغان قىزىقىشىڭىز يۇقىرى بولىدۇ، سېتىۋېلىش تەلىپىڭىزمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ جىق پۇل تېپىش ئىقتىدارىڭىز بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز كاتتا بېيىغان بايغا ئايلىنالمايسىز. توشقان يىللىق ئەر - ئاياللار گۈزەللىككە ھېرىس كېلىدۇ، بۇ جەھەتتە ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. كۆپىنچە، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ چىرايلىق كىيىملەرنى سېتىۋېلىشتىن يانمايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن قولىڭىز قىسقاراق بولسىمۇ، ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئۆزىنى كۆزنى چاقناتقۇدەك دەرىجىدە ياساپ يۈرىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئارتۇقچە بېرىلىپ كېتىش، سىزنىڭ ھامان پۇل خەجلەپ تېشىڭىزنى بوياشنىلا بىلىپ، ئىچىڭىزنى قانداق بوياش توغرىسىدا ئويلانمايدىغان، خۇددى لوڭقىغا ئوخشاش كۆرۈشكىلا يارايدىغان، ئىشلىتىشكە يارىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. دېمەك، ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ كۆپى كىشىلەر ئۈچۈن باراۋەر بولىدۇ، گەپ ئۇنى چىڭ تۇتۇشنى بىلىش - بىلمەسلىكىڭىزدە. قىز - يىگىتلەر مۇھەببەتنىڭ رومانتىك كەيپىياتتا داۋام قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، گۈزەل سەنئەت سارايلىرى ياكى جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن باغچىلاردا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغان كېچىلەردىكى كۆل بويلىرىنى مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلىشىدىغان بىردىنبىر ياخشى ئورۇن ھېسابلايدۇ. ئاياللارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كېيىن تەپسىلىي توختىلىمىز. ئەرلەر بەكمۇ ئېھتىياتچان كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت مۇھەببىتى پاك خېنىمنى ئالمىسىلا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھامان قارشى تەرەپنىڭ ئۆچ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. كونىلار ئېيتقاندەك <توشقان يىللىق ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كۈمۈش توي ياكى ئالتۇن توي بولمايدۇ.> ئەگەر سىزنىڭ يىگىتىڭىز توشقان يىللىق بولسا، بۇ يەردە ئۇنى ئەرلەرنىڭ كەڭ قورساقلىقىدىن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىمىز. يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار توشقان يىللىق كىشىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرى، تەلي - پىشانىسىگە دائىر ئومۇمىي ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى ئاياللارنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئادەملەر بىلەن كېلىشىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز. توشقان يىللىق بولمىش سىز ئاياللارغا خاس مېھرىبان ۋە نازۇك كېلىسىز، شۇنىڭدەك باشقىلارنى چۈشىنىسىز، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىسىز، باشقىلارنى كەڭچىلىك قىلىشقا ئۇستا كېلىسىز؛ جاھانساز، مېھرىبان، مىجەزى ئېسىل، ۋەزمىن ۋە مۇلايىم، ساھىبجامال ئاياللارنىڭ تىپىسىز. سىز باشقىلار بىلەن ماجىرالىشىپ قېلىشنى ياخشى كۆرمەيسىز. يۈزمۇ يۈز چىڭ تۇرۇۋالىدىغان ئىشنى قىلمايسىز. شۇڭا، نىكاھ ياكى دوستلۇقتا پېشكەللىككە ئاز ئۇچرايسىز، ھەر قانداق كىشىگە ھەمراھ بولالايسىز. بۇ جەھەتتە ئوخشاش توشقان يىللىق كىشى بولسا، ئۇ ھالدا پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. تۆۋەندە ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تويلىشىش ئوبيېكتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز. ☆ قوي يىللىقلار تىنچلىقنى سۆيىدىغان، مۇلايىم ۋە سەمىمىي قوي يىللىق ئەر سىز بىلەن توي قىلسا، چوقۇم تەڭ ياشاپ، تەڭ قېرىيسىلەر، كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە تۇرمۇشى ئۆتكۈزىسىلەر. ھەر ئىككىڭلار رومانتىك كىشىلەر بولۇپ، سەنئەت تالانتىغا ۋە ھەۋىسىگە ئىگە كېلىسىلەر. مەسىلەن، رەسىم تاختىيىنى ئېلىپ يۈرۈپ ساياھەت كۆرۈنۈشلىرىنى سىزىدىغان قەدىناس ئەر - خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بەختلىك ۋە شاد - خۇرام ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇلار جىددىي ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشقا، ئوڭۇشسىز ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر ئەمەس. جەمئىيەت ئۆزگىرىپ قالايمىقانلاشقاندا، ئۇلار چوقۇم ئەنسىرەيدۇ. ھەر قېتىم مۇھىتتا زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە كۆپرەك دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ☆ ئىت يىللىقلار ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى داۋالغۇپ تۇرىدۇ، قىزىققان ۋە خاپىغان كېلىدۇ. لېكىن، بۇ ئادەتتىكى ئىت سىرتتىكى دۈشمەنگە قاۋىغانغا ئوخشاش دۈشمەنلىك قىلىدىغان ئادەملەرگىلا ئاشۇنداق قىلىدۇ. ماھىيىتى يەنىلا جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، تىنچ مۇھىتنى قەدىرلەيدۇ. سىزدەك مۇلايىم كىشى بىلەن بىرگە ئۆتسە، ئائىلە چوقۇم بەختلىك بولىدۇ. مەسىلە سىزنىڭ جاھىللىقىڭىزدا، ئىت يىللىق ئەر بىلەن بىللە ئۆتكەندە ئۆزىڭىزنىڭ جاھىللىقىڭىزنى بىلىندۈرۈپ قويۇشتىن پەخەس بولۇڭ. ☆ توڭگۇز يىللىقلار توڭگۇز يىللىق ئەرلەرنىڭ تولىسى ئاق كۆڭۈل كىشىلەردۇر. ئۇلار ھە دېسىلا ۋەھشىي قىياپىتىنى كۆرسەتكەن بىلەن ئادەتتە دىلى پاك، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار بىلەن كارى يوق، كەڭ قورساق كېلىدۇ. سىز بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، قانچە ئۇزاق ۋاقىت بىللە ئۆتسەڭلار، مۇھەببىتىڭلار شۇنچە ياخشى بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىز كەيپ - ساپا تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىسىز، چىقىمىڭىز خېلى كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئامەتلىك توڭگۇز يىللىق ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، پۇلدىن قىسىلمايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، سالماقلىق ۋە ئىشەنچلىك كالا يىللىق ئەر، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنچىكە ۋە ئېھتىياتچان توشقان يىللىق ئەر، ھەتتا ئەھۋالغا ماسلىشالايدىغان، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالايدىغان يىلان يىللىق ئەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى سىز بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك بىللە ياشىيالايدىغان ئوبيېكتلاردۇر.
← بارلىق تېمىلار مۆچەل