UyghurWiki
UyghurWikiمۆچەلقوي يىللىقلار

قوي يىللىقلار

مۆچەل ئىختىراچى، ئاجايىپ خىياللارنى سۈرگۈچى، سەزگۈر، غەيرەتلىك، ئەدەپلىك، (تەم سەزگۈسى كۈچلۈك). يۆلەنگەك، ئۈمىدسىز، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ئەمەلىيەتسىز، قاشاڭ. قوي شەرىق كالىندارىنىڭ ئەڭ رەھىمدىل مۈچەل ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ يىلدا تۇغۇلغان ئادەملەر خەيرخاھچى ئادەملەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار خەققە ھامان توغرا، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ. خەقنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشلىرىدىن تەسىر ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەزى مۇلايىم ۋە ئىتائەتچان، ھەتتا تارتىنچاقراق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە جەھىتى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، ھامان تەقى - تۇرقى ئېسىل - نازاكەتلىك ئالىي سەنئەتچى ياكى ئىجادكار ئىشچى بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلار كەسپىي ئىشلار ۋە باشقا قەھەتلەردە تۆۋەن ھالەتتە چۈشۈپ قالغاندا بولسا، دىلى نازۇك، ھەتتا ئۈمىدسىزلىنىپ دۇنيادىن بىزار بولغۇچىلار بولۇپ قالىدۇ. قوي يىللىقلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ ئېسىل - نازاكەتلىك قىلىقلىرى ۋە كىشىلەرگە كۆپ ھېسداشلىق بىلدۈرۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار خەقنىڭ خاتالىقلىرىنى ئاسانلا ئەپۇ قىلىدۇ، خەقنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى چۈشىنىدۇ. ئۇلار بەك قاتتىق چەكلىنىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆزىگە تەلەپنى بەك قاتتىق قويمايدۇ، خەقنىمۇ كەمدىن كەم تەنقىد قىلىدۇ. ئۇلار - بالىلار ۋە ئۇششاق ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدىغان ناتۇرالىستلاردۇر (تەبىئەتچىلەر). ئۇلار ئائىلىنى ياخشى باشقۇرالايدۇ. ئۇلار مۇلايىم بولۇپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە ماھىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى زورمۇ زور ئىش قىلدۇرۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس. قوي يىللىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ۋە قەلبىدىن چىقىپ تۇرغان مۇستەقىل پىكىرلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالىتىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكى ئاسانلا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار تەھلىكىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، غەزەب - نەپرىتىنى ئىچىگە تىنىپ، گەپ قىلماسلىققا رازىكى، ئۆزىنىڭ ئويلىرىنى ئىزاھلاۋېرىشنى راۋا كۆرمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ رايى قايتقانلىقىنى ئىپادىلەشنى تېخىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇلار جىم بولۇۋېلىپ تىركىشىش ۋە غەزەپ - نەپرەت بىلدۈرۈش بىلەن ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسىنى بالىلىق دەۋرىدىلا ئاتا - ئانىسى ئەركە ئۆگىتىپ قويىدۇ. شەرقلىكلەر بەخىت يۇلتۇزى قوي يىللىقلارغا كۈلۈپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلار ساپ، نىيتى دۇرۇس، ئادەملەر دېگەن ئىشەنچتە بولىدۇ. ئۇلار زامان جەھەتتە مەردانە، پۇل - ۋەج جەھەتتە سېخىي كېلىدۇ. ناۋادا سىز ئۆي - ماكانسىز، چۆنتىكىڭىز قۇرۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالسىڭىز، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، قوي يىللىق دوستلىرىڭىز سىزنىڭ مۈشكۈل ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. قوي يىللىقلار ئۈچ چوڭ نەرسىدىن - ئوزۇق - تۈلۈك، ئۆي - ماكان، كىيىم - كېچەكتىن قىسىلمايدۇ. ئۇلار مەيلى قەيەرگە بارسۇن، خەق بىلەن باردى - كەلدى قىلىشقا خۇشتار بولىدۇ. ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان ئادەملەرگە ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى خالايدۇ. بىرئادەمنىڭ قوي يىللىق بولۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە كۆڭۈللۈك نىكاھلىق بولۇپ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنىڭ مۇھەببىتىگىلا ئەمەس، باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگىمۇ ئېرىشىدغىانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، قوي يىلىنىڭ قىش پەسلىدە تۇغۇلغانلار ئۆمرىدە خىلمۇ خىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كېلەرمىش. چۈنكى، قىش پەسلى قوي ئۈچۈن ئوزۇق يوق پەسىل بولۇپ، بۇ پەسىلدە قوي ئاچ قالىدۇ. لېكىن، قوي يىللىقلار قانداق ئوڭۇشسىز شارائىتقا چۈشۈپ قالسۇن، تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان شارائىتتىن ئانچە غەم قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار قىيىنچىلىق تارتىپ قالسا، خەقلەر ئۇلارغا نەچچە ھەسسىلەپ غەمخورلۇق قىلىدۇ. قوي يىلى مۈچەلدە 8 - ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، يىراق شەرق خەلقلىرى <8> نى تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ سىموۋولى ھېسابلايدۇ. قوي يىللىقلارنىڭ تەقدىر - قىسمىتى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، خەقلەر چىن قەلبىدىن چىققان تىلەك - ئارزۇسى بويىچە ئۇلارغا ئۆز پۇل - مېلىنى تەقدىم قىلىدۇ. قوي يىللىقلار ئەڭ كەمبەغەل بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ئاتا - ئانىلىرى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بىر مۇنچە قىممەتلىك بۇيۇملىرىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئەتىۋارلىق سوۋغاتلارغا ئىگە بولىدۇ، پۇلدار ۋە تەسىرى بار شەخسلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھامىيىسى بولىدۇ. ئاشۇ ئاتاقلىق كىشىلەر ئۇلارنى ئۆز قېرىنداشلىرى ھېسابلايدۇ. قىسقىسى، تەقدىرى ئىنتايىن ياخشى بولغان قوي يىللىقلار ھامان ھېچقانداق قىيىن ئىشقا ئۇچرىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر قېتىمقى مەغلۇبىيىتىنىڭ ئورنى ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلغۇچىلار تەرىپىدىن تولدۇرۇپ بېرىلىدۇ. قوي يىللىقلار ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ئىشقا دۇچ كەلسە، ئۆز ئارزۇلىرىنى غەيرىي زورلۇق ۋاستىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۆزلىرى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنىمۇ ھامان ناھايىتى كۈچلۈك سەۋرچانلىق ۋە تاقەتمەنلىك بىلەن باھانە كۆرسىتىپ رەت قىلىۋېتىدۇ. ئۇلارنى خاپا قىلمىغۇچە، خەقلەر ئۇلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى بىلەلمەيدۇ. قىسقىسى، ئۇلار ۋەقەلەرنى تىنچىتىپ، ئەتراپىدا ئىناق كەيپىيات ھاسىل قىلىشقا بەك ماھىر كېلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقالماي قالغان ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، <ئاكىلىرى> دىن ياردەم سورايدۇ. قوي يىللىقلارنىڭ ئىش قىلىشتا ئەگىتىپ سۆز قىلىدىغان پوزىتسىيىسى خەقنى بىزار قىلىدۇ ۋە زەردىسىنى قاينىتىدۇ. لېكىن، بۇنىڭغا ئامال يوق، بۇ ئاشۇ قوي يىللىقلارنىڭ مىجەزى. ئۇلارنىڭ تۆۋەنرەك قاتلاملىرىدىكىلىرى كىشىنىڭ زەردىسىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. ئۇلاردىن كۆڭلىدىكى گەپنى بىر يولىلا دەۋېتىشنى كۈتمەڭ، سىز ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىقلا ئۇلارنى ئاز - ئازدىن چۈشىنىشىڭىز لازىم ۋە ئۇلارغا ھەر قانداق ۋاقىتتا خاپا بولمايدىغانلىقىڭىزنى ھەر مەھەل بىلدۈرۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. قوي يىللىقلار بىلەن گەپلەشكەندە ئۇلارغا ئىمكانىيەت قالدۇرۇشىڭىز، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، <شۇنداق> دەپ ئارقا - ئارقىدىن باش لىڭشىتىپ ماقۇللاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ئاندىن سىز بىلەن ئوبدان پىكىرلىشىدۇ. قوي يىللىقلار ۋاقىتقا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشتا ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئۈستى - ئۈستىلەپ باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، جوزا مۇشتلاپ، يەرنى تېپىپ، خۇددى بۇرغىسى تۇتقان شىردەك ھۆركىرەپ ئۇلارغا قىلچە ئىچ ئاغرىتمايدىغانلىقىڭىزنى ۋە ھېسداشلىق قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا بۇنداق <زەردە قىلىش> نىڭ ئۇلارنىڭ سىرلىق <يارىسى>غا <شىپا> بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. نەتىجىدە ئاراڭلاردىكى كەسكىن كەيپىيات تېزدىن بېسىقىدۇ. مۇلايىم مىجەزلىك قوي يىللىقلارغا كۈچلۈك ۋە ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان تۈزۈملۈك شارائىتتا ئىشلىگەندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلالايدۇ. قاتتىق پوزىتسىيىلىك كاتىپ ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سەپداشلار جەمئىيىتىلا ئۇلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بەزىدە ئۇلارغا قويۇلغان تەلەپ يولسىزدەك بولغىنى بىلەن، يىغىپ ئېيتقاندا، تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئۇلاردىكى تايىنىۋېلىش روھىي ھالىتىنى بىر ئامال قىلىپ تۈگەتكىلى بولىدۇ. قوي يىللىقلار ئۆزلىرىنى ھەمىشە <ئۆزۈمچىلىك> رامكىسىغا بەند قىلىۋالىدۇ، ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئامراق كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئۆكسۈتمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ۋە باشقا بايراملارنى ئۇنتۇمايدۇ، ھەر قېتىم بۇ ئالاھىدە كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بۇ كۈنلەرنى ھامان ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان شەكىللەر بىلەن تەبرىكلەيدۇ، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىغا ھەسسىلەپ ساق تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ياكى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا يوقلاپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، ئۇ ھەسرەت چېكىدۇ، قەلبى ئېزىلىدۇ، ئۇ بۇنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلالماسلىقى مۇمكىن. قوي يىللىقلارغەمكىن، دىلى نازۇك كېلىدۇ، مەسىلىگە ھەمىشە مەيۈسلۈك بىلەن قاراپ، ئىشىم بەك چاتاق دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار قەلبىدىكى تۇماننى خەقنىڭ كۈچلۈك ۋە يۈكسەك كەيپىيات بىلەن تارقىتىۋېتىشنى كۈتىدۇ. ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە غەيرەت ۋە مەدەت بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز ئەتراپىدا ناھايىتى كۆپ دوستلىرىنىڭ بولۇشىنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار ئىش قىلغاندا ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ. ئۇلار تىپىك خاتالىقى - ئۆز كىرىمىنى جايىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق. قوي يىللىق چوكانلار ھەشەمەتچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، كىيىملىرىنى پۈرمىلىك قىلىشقا ۋە بېزەكلەرگە ئامراق بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، گىرىم قىلىپ ئۆزىنى ياساشقا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار گويا فار - فۇر قورچاقلاردەك، ئىشنى ناھايىتى ئاستا قىلىدۇ. قوي يىللىق ئوتتۇرا ياش چوكانلار تازىلىقخۇمار بولۇپ، شەخسىي تازىلىققا، ھەممە يەرنى پاك - پاكىز تۇتىدۇ. ئۇلار كىيىم - كېچەك ۋە ئېسىۋالىدىغان - تاقىۋالىدغىان نەرسىلەرنىڭ نۇقسانسىزلىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوي يىللىق قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىگە بولغان مۇھەببىتىنى سەمىمىي ئىزھار قىلىدۇ، ئۇلار يىگىتلەرگە ھەر كۈنى ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئەگەر ئۇقىز سىزنى ياراتمىسا، مەن چىن قەلبىمدىن سىزگە نەسىھەت قىلايكى، سىز ئۇنىڭدىن ئاغرىنماڭ. ئۇ قىز بەلكىم سىزگە قارىماي قويۇشى مۇمكىن، لېكىن كالا يىللىق قىزدەك سىزگە ئەدەپلەش قوغلاپ چىقارمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى چۈشۈپ قالسا، سىز بىلەن پەقەت قوللا ئېلىشىدۇ. ئۇ سۆزلىگەندە ئۇنىڭ <ھە> دېگىنى <ياق> دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ <ياق> دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ <ياق> دېگىنى بولسا <بولىدۇ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىز دوبۇلغا كىيگەن چەۋەنداز بولۇپ، گۈزەل قىزنى ئۆزىڭىزگە شەيدا قىلماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس كۈچ سىنىشىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ شەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز شەرت. قوي يىللىقلار ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى چېچەنلىك بىلەن تولۇقلىۋالىدۇ. ئۇلار ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ماھىرلىق بىلەن ئەپچىل ۋاستىلەر ۋە ئىما - ئىشارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئېرىشىدۇ. ئۇلار يۇمشىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىشقا ماھىر، ئۇلارنى بوش چاغلىماسلىق كېرەك، بولمىسا ھېچنېمىنى ئاڭقىرىپ بولالمايلا دوبۇلغا - ساۋۇتلارنى تاشلاپ يېڭىلىپ قالىدىغان گەپ. ئۇلار سەمىمىي، تەمكىن پوزىتسىيىلىك كېلىدۇ، سۆزلىگەندە زاماندىن زارلىنىپ، خەقنىڭ غېمىنى يەيدىغان تەلەپپۇزدا سۆزلەيدۇ. باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى كۈچلۈك قورغاننى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىتچىت قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار سوتتا ئۆزىنى ئاقلىغان تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن سۆزلىرىنىڭ ئورنىنى يەنىل سەمىمىي، تەسىرلىنەرلىك قىلىپ ئىپادىلەپ، خەقنى قايىل قىلىدۇ. ئالايلۇق، قوي يىللىق بىر ئادەم تاشيول ياقىسىدا سىزنى توسۇپ، سىزگە پۇل دەپ قول سۇنغان بولسۇن، سىز ئۇنىڭغا <ياق> دەپ ۋارقىرايسىز، بۇ چاغدا، ئۇنىڭ يۈزىدە ئايان بولغان ئاددىي - ساددا، زەررىچە يامانلىق بولمىغان، ھەتتا كۆزىدە لىققىدە ياش ئەگىپ تۇرغان ئىپادىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئازراق تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىگە دىققەت قىلسىڭىز، سىزدە بىر قوزىنى ئالۋاستى قۇشخانىغا تاشلىۋاتقان چاغدىكىدەك ھېس پەيدا بولىدۇ - دە، ئۇنىڭ مۇنداق بىمەنە تەلىپىگە رازىلىقسىزلا ماقۇل بولىسىز. لېكىن، بۇ زەئىپ ئادەمنىڭ سىزنى قانداق بويسۇندۇرغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز. دەرۋەقە، بىر مىسال ھەممىلا مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ كېتەلمەيدۇ. قوي يىللىقلار قانائەتچان بولغانلىقى بىلەن بىمەنە خاتالىقلارغا يەنىلا نارازىلىق پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خەقلەر ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاق كۆڭۈل، ماھىيىتى ياخشى كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىدىن ئۆزگىلەر بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ. شۇڭا خەقلەر بىلەن ئوبدان چىقىشىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، سىزگە ئوخشاش قوي يىلى تۇغۇلغانلارنى تېگى - تەكتىدىن ياخشى ماھىيەتلىك دېگىلى بولمايدۇ. سىز ئاجىز ۋە كېسەلچانلار تىپىغا كىرىسىز. تېنىڭىزنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى سوغۇق - ئىسسىقنىڭ كەسكىن ئۆزگىرىشى بىلەن بىللە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئادەتتىكىچە بولىدۇ، ھېچقانداق چوڭ كېسەلگە مۇپتىلا بولمايسىز، لېكىن كىچىكرەك كېسەللىكلەردىن خالىي بولالمايسىز، بىراق بۇنى ئېغىر ئېلىپمۇ كەتمەڭ، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىڭىز دائىم چىقىپ تۇرىدۇ، شۇنچە كۆپ باش قېتىنچىلىق سىزنىڭ نورمال كەيپىياتىڭىزغا، سالامەتلىكىڭىزگە مۇقەررەر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى ئۇششاق - چۈششەك كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ تولۇق كۆزىتىسىز، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەيسىز. مۇشۇنداق ئالاھىدە ماھىيەتلىك نېرۋىڭىزنى كۈن بويى ئىنتايىن بىر خىل جىددىي ھالەتتە تۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بولۇپمۇ ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئېغىرلاشقاندا، يەنە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى بىرلا ۋاقىتتا كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇڭا سىز ھەممە ئىشتا كۆڭلىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇپ، ئۇنچە كۆپز زىغىرلاپ كەتمەي، ئۇنى نورمال ئەھۋال دەپلا ھېسابلىسىڭىز، ئۇ سالامەتلىكىڭىزنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى رېتسىپى بولىدۇ، يەنە باشقا كىشىدىن رەنجىشىڭىزگە نېمە ھاجەت؟ يەنە باشقا بىر نۇقتىنى ئالساق، سىز ھامان بەك كۆڭۈل قويۇپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىسىز، لېكىن سىزنىڭ بىر مۇنچە چىداپ تۇرغۇسىز پاسسىپ ئىدىيىلىرىڭىز بار. دەرۋەقە، بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەيلا يامانمۇ ئەمەس. كەم دېگەندە بەزى چاغلاردا بەزى پاسسىپ ئىدىيىلىرىڭىز بار. دەرۋەقە، بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەيلا يامانمۇ ئەمەس. كەم دېگەندە بەزى چاغلاردا بەزى پاسسىپ قىلىقلار بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئۆزىڭىزنى قوغدىشىڭىزنىڭ شىپالىق دورىسى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت ئۆزىڭىز تازا لايىقىدا ئىگىلىسىڭىزلا پايدىسى بار. سىز كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ئوخشاش، تاماق ئىلغايدىغان ئەيىبنى سادىر قىلىسىز. بۇنىڭدىن سىرت، ئىشتىھايىڭىز كەيپىياتىڭىزنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرايدۇ، كەيپىڭىز ياخشى بولسا، ئىشتىھا بىلەن يەپ - ئىچىسىز، كەيپىڭىز ياخشى بولمىسا نەچچە ۋاخلىق تاماقنىمۇ يېمەيسىز. ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىنىشنىڭ بىر تەكشى بولماسلىقى سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا سىز تاماق ئىلغايدىغان ئەسكى ئەيىبىڭىزنى تولۇق ئۆزگەرتىپ، ئۆز كەيپىياتىڭىزنىڭ دولقۇننى مۇمكىنقەدەر تەڭشىشىڭىز كېرەك. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ماھىيىتى ئاجىزراق تېنىڭىز تۇغۇلۇشتىلا ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن ئازاب كۆتۈرەلمەيدۇ. پاسكىنا يېمەكلىكلەر، بۇلغانغان ھاۋا ۋە كىشىنى جان تويغۇزىدىغان ۋاڭ - چۇڭلارغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىسىز. بۇ ئامىللارمۇ سالامەتلىكىڭىزگە ناھايىتى زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. زۇكاممۇ سىز ئەڭ قورقىدىغان كېسەللىك. گېلىڭىز پات - پاتلا ياللۇغلىنىپ قالىدىغان، كۆكرىكىڭىزنى دىمىقتىلىق قاپلايدىغان، بېشىڭىز ئاغرىيدىغان، بۇرنىڭىزدىن سۇ كېلىدىغانغا ئوخشاش كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىسىز. يۈرەك ئورگانىزمى جەھەتتە، يۈرىكىڭىز ئاسانلا زەئىپلىشىپ كېتىدۇ، يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى تېزلىشىپ قالىدىغان ئەھۋال پات - پات يۈز بېرىپ، يۈرىكىڭىزنىڭ يۈكىنى بەك ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. باشقا كېسەللىكلەرگە، مەسىلەن، يۈرەك قاپقاق كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، يۈرەكنىڭ مەزگىلىدىن بۇرۇن قىسقىرىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، روھىي ۋە جىسمانىي كۈچىڭىزنىڭ ئارتۇقچە خوراپ، خىزمىتىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىزغا بىئاراملىق تۇغدۇرۇپ بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھېسسىيات مەسىلىسىدە ئۆزىڭىزنى بەك بوغۇپ قويماڭ. ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن. △ قوي يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - بۇلارنىڭ دوستلۇقى ۋاقىتلىق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا تەتۈر قارىشىپ قالىدۇ، چۈنكى ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىگە كەڭ قورساقلىق قىلىشنى خالىمايدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - بۇلارنىڭ ئىناق، دوستانە ئۆتۈشى ناھايىتى تەس، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىر - بىرىنىڭ مىجەزىنى كۆرەلمەيدۇ، بىر - بىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بۇلار يېقىن دوست بولۇپ كېتەلەيدۇ، ھەمكارلاشسا بىرقەدەر خۇشال - خۇرام ئۆتىدۇ، ئادەتتە قوي يىللىقلار ئەقىل - چارە كۆرسىتىدۇ، يولۋاس يىللىقلار بولسا ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلار بىر جۈپ ناھايىتى يېقىن دوستلاردىندۇر، توشقان يىللىقلار قوي يىللىقلارنىڭ خىسلىتىدىن زوقلىنىدۇ، قوي يىللىقلارغىمۇ توشقاننىڭ غەلىتە ئويلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققىچە ئالاقىلىشىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئۇلار تەبىئىي شەكىللەنگەن قوشماقلار بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ ئىستېداتىدىن سۆيۈنىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - قوي يىللىقلار يىلان يىللىقلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ. ئەگەر يىلان يىللىقلار خالىسا، ئۇلار يېقىن دوست بولۇپ كېتىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - بۇلار ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىغان دوستلاردۇر، ئەگەر دائىم بىللە ئوينىسا، ئۇلار تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، تېخىمۇ خۇشال ئۆتىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - بۇلار ئىناق بىللە ئۆتۈشى مۇمكىن، ئۇلار بىر - بىرىگە بەك يۆلىنىپ كەتمەيدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - بۇلار ئالاقىلىشىشى مۇمكىن، مايمۇن يىللىقلار قوي يىللىقلارنىڭ خىسلىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلار ئۇزاق ئالاقىلەشسە، دائىم بىر - بىرىدىن پايدىلىنىپ بىر - بىرىنى كولدۇرلىتىدۇ، بىراق ئىككىلا تەرەپ ئانچە كۆڭلىگە ئالمايدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بۇلارنىڭ دوست بولمىقى ناھايىتى تەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىجەزىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، دائىم بىر - بىرىنى يەكلەيدۇ ۋە كەمسىتىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ئاسانلىقچە دوست بولالمايدۇ، ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىگە چىدىمايدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - بۇلار ئىناق بىللە ئۆتۈشەلەيدۇ، توڭگۇز يىللىقلار قوي يىللىقلار بىلەن قانداق بىللە ئۆتۈشنى بىلىدۇ، قوي يىللىقلارمۇ توڭگۇز يىللىقلارنى قانداق خۇش قىلىشنى بىلىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، قوي يىللىقلار قارىماققا بېلى بوشتەك كۆرۈنىدۇ، بىرەر گەپ - سۆز قىلىپ قويسام ماجىرا ۋە چاتاق چىقىپ قالارمىكىن دەپ قورقىدۇ. شۇڭا كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۇلار ئانچە مۇھىم بولمىغان كەسىپلەر، جۈملىدىن رەسساملىق، يازغۇچىلىق، تېخنىك دېگەندەك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا مۇۋاپىقراق بولىدۇ. ئاياللار ھۆسىن تۈزەش، كىيىم لايىھىلەشكە ئوخشاش ئىشلارنى ياۋاش - يۇمشاقلىق بىلەن ئىشلىسە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش خىيالىدا چوڭ شىركەت خىزمەتچىسى بولۇش قوي يىللىقلار ئۈچۈن ياخشى ئامالدۇر. مۇنداق ئەھۋالدا، قوي يىللىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەزىنى، يەنى مۇلايىملىقىنى ساقلاپ قالغىنى تولىمۇ قەدىرلىكتۇر. <ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي. △ قوي يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -بۇلار قەدىر ئەھۋال ھەمكارلىشىدۇ، بىراق قوي يىللىقلار چاشقان يىللىقلارغا ئارتۇقچە سەنئەتكارلارچە پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى مۇنداق قىلىشنىڭ تازا ئوبدان ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى تۇرغان گەپ. △ قوي يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلىشىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس. △ قوي يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلىقنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى تەس، يولۋاس يىللىقلار قوي يىللىقلارنى سىغدۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما قوي يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارغا بارلىق پىكىرلىرى ۋە شەرتلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە كۈچ كۆرسىتىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - خېلى ياخشى ماسلىشىدۇ، توشقان يىللىقلارنىڭ كۆزى ئۆتكۈر بولىدۇ، تاللاشنى بىلىدۇ، قوي يىللىقلارمۇ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنى خوپ كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشى پايدىلىق. △ قوي يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار -ئۇلار سەنئەتكە دائىر ئايرىم ئىشلاردا ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىراق ئادەتتە قوي يىللىقلارنى بېلىق يىللىقلار ئۇيان - بۇيان قىلىپ تۇرىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلىشىشى مۇمكىن، يىلان يىللىقلارنىڭ كۆكسى - قارنى كەڭ بولۇشى كېرەك، چۈنكى يىلان يىللىقلار دائىم بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلاشسا بولىدۇ، قوي يىللىقلار ئات يىلللىقلارغا ئىقتىدارىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، شۇغىنىسى ئازراق تەۋەككۈلچىلىك قىلىدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلىشىشتا خەقنىڭ ھەمكارلىشىشىغا موھتاج بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا، ئىشنى جوڭقۇرالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ماسلىشالمايدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - بۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، بىراق قوي يىللىقلار يىراقنى كۆرۈپ، ۋاقىتلىق زىيانلاردىن قورقماسلىقى كېرەك، چۈنكى مايمۇن يىللىقلارنىڭ ئىقتىدارى خەقتىن ئېشىپ چۈشىدۇ، كەسپىي جەھەتتە تولۇق ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلىشالمايدۇ، قوي يىللىقلارنىڭ توخۇ يىللىقلارغا بېرىدىغان بىۋاستە تەسىرى بەك ناچار بولىدۇ، توخۇ يىللىقلار قوي يىللىقلارنى چۈشەنگۈسى كەلمەيدۇ ھەم چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا قوي يىللىقلارنىڭ ئىقتىدارى بەك تۆۋەن تۇيۇلىدۇ ۋە ھەمكارلىق قولىنى سۇنمايدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - بۇلارنىڭ ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى ئازراق بولىدۇ، ئىت يىللىقلار ھامان ئۆزۈمنىڭ مۇھىم ئىشلىرىممۇ يېتىپ ئاشىدۇ، قوي يىللىقلارنى ھەمشېرىك قىلىشىم ھاجەتسىز دەپ ھېسابلايدۇ. △ قوي يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - بۇلار ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، بۇ ئىككىيلەنگىلا پايدىلىقتۇر، توڭگۇز يىللىقلار ئامەتلىك كېلىدۇ، قوي يىللىقلارمۇ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن بەجانىدىل ھەمكارلىشىپ، ئىشلارنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ. قوي يىللىق بولمىش سىزدەك ئادەمنىڭ بالىلىق چېغىدىمۇ ۋە ئاخىرقى ئۆمرىمۇ ئادەتتە تەلەيلىك بولىدۇ. لېكىن، ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىدە ئادەتتە ناھايىتى چوڭ ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن سىز ناھايىتى رومانتىك ئۆتىسىز، ئۆمرىڭىزدە ناھايىتى نۇرغۇن رومانتىكىلىق تارىخىڭىز بولىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ مىجەزىڭىز ۋە خىسلىتىڭىز ئالاھىدىرەك، شۇنداقلا بۇنداق مىجەز ۋە خىسلەت ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىڭىزگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، بالىلىق دەۋرىڭىزدە ناھايىتى خاتىرجەم، تىنچ شارائىتتا چوڭ بولىسىز. شۇڭا سىز دائىم بالىلىق دەۋرىڭىزدىكى ئىشلارنى ئەسلەيسىز، بالىق دەۋرىڭىزدىكى بەختلىك چاغلارنى سېغىنىسىز، مەڭگۈ چوڭ بولمىغان بولسام دېگەن ئۈمىدتە بولىسىز. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۇ دەۋر سىزنىڭ ئاچقۇچلۇق دەۋرىڭىز بولىدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ چىقىپ، دائىم سىزنى ئورىۋالىدۇ، سىزنى قايغۇغا سالىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرگە قەدەم قويغاندىمۇ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىسىز. بولۇپمۇ سىزنىڭ ئارتۇقچە رومانتىكىلىق مىجەزىڭىز ھېسسىيات جەھەتتە سىزگە نۇرغۇن ئىچ پۇشۇقىنى تېپىپ بېرىدۇ. بىراق، ئاخىرقى ئۆمرىڭىز ناھايىتى بەختلىك بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۆمرىڭىزدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئانچە چوڭ قىيىنچىلىققا قالمايسىز، لېكىن يۈز مىليونلاپ بايلىقى بار كاتتا باي، كاتتا دۆلەتمەنمۇ بولۇپ كەتمەي، ئاددىي، خاتىرجەم ياشايسىز، ئىقتىسادىي جەھەتتە قانائەتلىنەرلىك، لېكىن ئانچە باياشاد ئەمەس ئۆتىسىز. سىزنىڭ مىجەزىڭىزدىن قارىغاندا، ئەگەر كەسىپكە يەكدىللىك بىلەن بېرىلسىڭىز قۇرۇق قول بىلەن روناق تاپقان، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن چوڭ سودا - سانائەتچى بولۇپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامان ئىنچىكە ئوي - پىكىرلىك ۋە ئېسىل تالانتلىق بولۇپ قالىسىز. ئەگەر بۇ ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزدىن تولۇق پايدىلانسىڭىز ناھايىتى زور ئۈنۈمگە ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزدا گەپ يوق. لېكىن، سىزنى بايلىقنىڭ مەنبەسى جەھەتتە خاتىرجەم دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى بىلىڭكى، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتتە سەۋەنلىكتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، چۈنكى سىز كۆپ ھاللاردا دوستلىرىڭىزغا بەك ئىشىنىپ كەتكەچكە، ئاسانلا ئالدىنىپ توزاققا چۈشۈپ تۇرىسىز. شۇڭا، ئادەمگەرچىلىك ياكى مەزمۇن ۋە داۋلى تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلارغا، ئالايلۇق، پۇل - مۇئامىلە مەبىلغىگە كېپىل بولۇشتەك ئىشلاردىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. ھايانكەشلىكنى ھەرگىز قىلماڭ، لېكىن بىخەتەرلىك كاپالىتى بار مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سالسىڭىز ۋە ئىشەنچلىك قەرز چېكىگە سېلىنما سالسىڭىز بولىدۇ. پۇل توپلاشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە چارىسى ئەنە شۇ. مۇھەببەت - ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قوي يىللىق ئاياللارنىڭ كاجلىق قىلىدىغان تەرىپى بار، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئارتىۋېلىش خىيالى كۈچلۈكرەكتەك قىلىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، دەل شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئۇلار ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە سۆيۈملۈك ئايال بولۇپ قالغان. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغانلىقى، نىكاھلىنىپ ئائىلىلىك بولغاندىن كېيىن ۋاقىت كۆز قارىشى بولمىغانلىقى ۋە چۇۋالچاقلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار ھەتتا ئادەتتىكى ئايال ئۆي خوجايىنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. يۇقىرىقىلا قوي يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىدىكى مىجەز - خاراكتېرى ۋە تەقدىرىگە دائىر ئومۇمىي ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى مۇشۇنداق خاراكتېرگە ئىگە ئاياللارغا قانداق ئەرلەرنىڭ ماس كېلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز. سىز قوي يىللىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مۇلايىم، كۆيۈمچان، خەق ياقتۇرىدىغان ئادەمسىز، لېكىن كۆڭلىڭىز بەك نازۇك، نېرۋا مىجەز ئايالسىز. شۇڭا مۇھەببەت ھاياتى جەھەتتە ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋالدىن بەك قورقىسىز، مۇبادا مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇپ قالسىڭىز سىزگە ھەتتا ھاياتمۇ مەززىسىز تۇيۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا نىكاھ قىسمىتى ئۈستىدە ئويلانغىنىڭىزدا، مۇھىم نۇقتىنى ئۆزىڭىزنى غەم - ئەندىشىگە سالمايدىغان ئادەم ئۈستىگە قويۇشىڭىز كېرەك. ☆ توشقان يىللىقلار بۇ يۇلتۇز بۇرجىدا تۇغۇلغانلار سىزنى ئەنسىرەتمەيدۇ، توشقان يىلىقلر ئالىيجاناب خىسلەتلىك، نازاكەتلىك، ئەدەبلىك كېلىدۇ؛ ئەڭ بىزارلىق ئىش ماجىرا ياكى ئاۋارىگەرچىلىكتۇر. ئۇلاردا خەۋپ - خەتەرنى سېزىدىغان بىۋاستە كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئاۋارىگەرچىلىككە قالماسلىق ئۈچۈن سەگەك، ئېھتىياتچان بولىدۇ، شۇڭا ئايال مۇشۇنداق ئادەمگە تەگسە، چوڭ بالا - قازاغا ئۇچراشتىن ئەنسىرىشى ھاجەتسىز، ئۆمۈر بويى بىر قەدەر تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپ سەنئەتكىمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئورتاق قىزىقىشنىڭ بولۇشى كۆڭۈللۈك نىكاھ ئۈچۈنمۇ چوڭ كاپالەت. ئەمما توشقان يىللىقلار ئىجتىمائىي ئالاقىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار دوستلىرىنى دائىم ئۆيىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۆي بەك قالايمىقان تۇتۇلغان بولسا دوستلىرى ئالدىدا يۈزى قالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ☆ توڭگۇز يىللىقلار سىزگە ئوخشاش قوي يىللىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋالنى بەلگىلەشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل پۇلدۇر. <پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا> دېگەن گەپ بار. ھەر قانچە ئوڭۇشسىز ئەھۋالدىمۇ پۇللار بولسا، ئۇنچىلىك قايغۇرۇش ياكى غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. توڭگۇز يىللىقلار 12 مۈچەل ئىچىدە بايلىق يۇلتۇزى ئەڭ نۇرلۇق ئادەملەردۇر، شۇڭا ئۇلار سىز ئۈچۈن خاتىرجەم يۆلەنگىلى بولىدىغان ئوبيېكت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، قوي يىللىق ئەرلەردۇر. ئۇلار سەبىي، رومانتىك، مىجەز ئوچۇق - يورۇق كېلىدۇ. بۇ تەرىپى سىزگە ناھايىتى باب كېلىدۇ. شۇنىسى، ئۇلار بىر قەدەر ئاسان خاپا بولۇپ قالىدۇ، قوي يىللىق بولمىش سىز بۇنى دەپ ئۇلار بىلەن كېلىشەلمەي قالماڭ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭ.
← بارلىق تېمىلار مۆچەل